دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىشنى داۋالاشنىڭ ئاددىي رىتسىپلىرى

رېتسېپ : توشقانزەدىكىدىن 50 گرامنى يالپاقلاپ ، بىر سائەت قايناتقاندىن كېيىن دورا قالدۇقلىرىنى ئايرىۋېتىپ ، ئاندىن ئۇنىڭغا 150 ~ 200 گرام پارچىلانغان قوي گۆشى ، 100 گرام گۈرۈچ ، ئازراق ھۆل زەنجىۋىلدىن قوشۇپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ ، تۇزىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىنىدۇ .

تەسىرى : بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان ئەر – ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى تۆۋەن بولۇش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ .

رېتسېپ : سېرىق سۆگەي ، توشقانزەدىكى ، بۇرجۇننىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام ، ئالقات ، مالىنا ،كورنۇس ، سىلىق غوللۇق ئازغان ، بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام ، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى ، كۈدە ئۇرۇقى ، ياچىۋەك تۇخۇمى ، نارگۈل ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام ، شازاندىرادىن 6 گرام ئېلىپ ، ھەر كۈنى بىر بولاق دورىنى قاينىتىپ ، 2 قېتىم ئىچىپ بېرىلىدۇ .

تەسىرى : ئاياللاردىكى جىنسىي تەلەپ تۆۋەن بولۇش ، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق ، مەنىي بالدۇر كېتىش ، ئېھتىلام بولۇش ، مەنىي سۇيۇق ھەم ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ .

رېتسېپ : قۇرتئوتدىن 4 ~ 5 دانىنى 500 گرام توخۇ گۆشى بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ يەپ بېرىلىدۇ .
رېتسېپ : ئالقاتتىن 30 گرامنى بىر دانە كەپتەر گۆشى بىلەن قاچىغا سېلىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ قاسقاندا پىشۇرۇپ ، سۈيىنى ئىچىپ كەپتەر گۆشى يەپ بېرىلىدۇ .

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-09

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:13:01

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,661FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر