ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقجىنسىي مۇناسىۋەتنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئېلىپ بارسا نورمال بولىدۇ؟

جىنسىي مۇناسىۋەتنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئېلىپ بارسا نورمال بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

جىنسىي تۇرمۇش پەقەتلا ئەر ئايال بىللە بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەتنىلا كۆرسەتمەيدۇ بۇنىڭدىن سىرت ئۆزى جىنسىي ئەزانى سىلاپ ھوزۇرلىنىش ، ئۇيقۇدا ئېھتىلام بولۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ بۇلارمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بىر قىسمى يەنى قېتىم سانىغا ھېساپ قىلىنىدۇ

جىنسىي مۇناسىۋەتنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئېلىپ بارسا نورمال بولىدۇ؟

ئەرخوتۇنلۇق تۇرمۇشتا ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانى ئادەتتە ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتى ، بىر بىرىگە بولغان مۇھەببىتى ، خىزمەت رىتىمى ۋە بېسىمى ، بەدەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر . يۇقارقى سوئالغا يەنى زادى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئېلىپ بېرىش لازىم ياكى بىر كېچىدە قانچىلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا مۇۋاپىق دىگەن سوئالغا ئەسلى ئەڭ توغرا جاۋاب :

ئەتىسى بەك ھارغىن بولۇپ نورمال تۇرمۇش رىتىمىغا تەسىر يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ، ئىككىلى تەرەپ مەيلى روھىي كەيپىيات جەھەتتىن بولسۇن ياكى بەدەن فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بولسۇن نىسبەتەن مەمنۇن بولغۇدەك دەرىجىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارسا بولىدۇ دەپ جاۋاب بەرسەك بولىدۇ . بۇ دەرىجىدىن ئېشىپ كەتسىلا ، بەدەندە ۋە مەلۇم بىر تەرەپنىڭ كۆڭلىگە زەخىم يىتىپ قېلىشى مۇمكىن .

20-30 ياش ئارىسىدىكىلەر:
سىتاتىسكىغا قارىغاندا ، بۇ ياشتا توي قىلغان 13% قىسىمدىكى ئەر خوتۇنلار كۈندە دىگۈدەك بىللە بولىدىكەن . ئۈچتەن بىر قىسمىدىكى ئەر خوتۇنلار ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قېتىم ، يېرىمدەك ئەر خوتۇنلار بولسا ھەپتىدە 1~2 قېتىم بىللە بولىدىكەن . ئەمما يەنە 17% دەك ئەرخوتۇنلار پەقەتلا بىللە بولمايدىكەن .

30-40 ياش ئارىسىدىكىلەر:
سىتاتىسكىغا قارىغاندا ، بۇ ياش ئارىلىقى جىنسىي تۇرمۇشتىن ئەڭ ھوزۇر ئالىدىغان دەۋر بولۇپ ، 30% دىن كۆپ ئەر خوتۇنلار بۇ ياش ۋاقتىدا جىنسىي تۇرمۇشتا يۇقىرى پەللىگە چىقالايدىكەن .

40-50 ياش ئارىسىدىكىلەر :
بۇ ياش ئارىسىدىكىلەر جىنسىي تۇرمۇش قىزغىنلىقى بارا بارا تۆۋەنلەشكە باشلايدىغان ۋاقىت بولۇپ ، كۆپىنچە ئەر خوتۇنلار ھەپتىدە بىرلا قېتىم ياكى 15 كۈن ياكى بىر ئايدا بىرەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدىكەن .

60 ياشتىن يۇقىرىدىكىلەر :
بۇ ياشقا كىرگەن ئاياللار 99% نىڭ ئادەت توختاش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن بەدەندە ئاياللىق ھورمونلىرى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان ئىنتىلىشى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ . شۇڭا بۇ ياشلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت بولۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .

ئەمما كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدىن شۇنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ ، ئەر خوتۇن ئارىسىدىكى رىتىملىق جىنسىي تۇرمۇش ئائىلىنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولۇشى ، ئەر خوتۇننىڭ بىر بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ، ئىككىلى تەرەپنىڭ بەدەن ساغلاملىقى ھەم كېسەللىككە بولغان ئىممونىت كۈچىنىڭ ئېشىشىگە زور دەرىجىدە ياردىمى بولىدىكەن . شۇڭا دۇنيانىڭ ھەرقايسى يېرىدىكى مەيلى قايسى تىببىي تەتقىقاتچىدىن سورىسىڭىز سوراڭ ، ھەممىسىنىڭ بېرىدىغان جاۋابى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ . يەنى توي قىلغاندىن كېيىن بىربىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە بەدەن ساپاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەتنى چوقۇم رىتىملىق ئېلىپ بېرىش لازىم ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىق ياكى مۇناسىۋەت ئېلىپ بارمىغان ئارىلىقنى ئۇزۇن قويماسلىق لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
1
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:31:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ