ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىكالتسىي تولۇقلاش ئاياللارنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ

كالتسىي تولۇقلاش ئاياللارنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كالتسىي تولۇقلاش ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1:7 بولىدۇ بۇنىڭدا، ئاساسلىقى، ئاياللاردا ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم كالتسىي يوقىتىش مەزگىلى بولىدۇ

كالتسىي تولۇقلاش ئاياللارنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ

بىرىنچىسى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى؛ ئىككىنچىسى، ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلى؛ ئۈچىنچىسى، كلىماكتېرىيە مەزگىلى.

1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى دېگىنىمىز، قىزلارنىڭ 13 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان يېتىلىش مەزگىلىدۇر، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ يېتىلىشى تېز، كالتسىيغا بولغان ئېھتىىياجى يۇقىرى بولىدۇ، ناۋادا بۇ مەزگىلدە كالتسىينى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىگە ھەم پۈتۈن ئۆمرىدىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە جۇغلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.

2. ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىمۇ ئاياللارنىڭ ئاساسلىق كالتسىي يوقىتىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئانا بەدىنىدىن كۆپ مىقداردىكى كالتسىينى ھامىلە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەك قىلىدۇ.

3. ئاياللاردا ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن ئانىلىق ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى توختاش سەۋەبىدىن كالتسىي يوقىتىش سۈرئىتى تېزلەيدۇ، بۇمۇ ئاياللاردا كالتسىي كەمچىل بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاياللار تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.

4. ئاياللاردا ھەرىكەت ئازراق بولىدۇ، ھەرىكەت سۆڭەكنىڭ كالتسىي سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسىڭىزمۇ ھەرىكەت قىلمىسىڭىز، كالتسىي قانغىلا كىرىدۇ، قاندىكى كالتسىينى سۆڭەككە يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك. 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-02 / 04:30:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ