ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىكېچىسى كۆپ سىيىدىغانلار بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

كېچىسى كۆپ سىيىدىغانلار بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ ، دائىم سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈپ تۇرمايدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنى بايقاش پۇرسىتى بولمايدۇ شۇڭا ئادەتتە ئاياللار ئۆزىدىكى كېسەل ئالامىتىگە دىققەت قىلىشى زۆرۈر

كېچىسى كۆپ سىيىدىغانلار بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

ھەيز كۆپ كېلىش ، ۋاقتى ئۇزىراش قاتارلىق ئالامەتلەردىن باشقا ، روشەن سەۋەبى بولمىغان پات – پات سىيىش ، كېچىسى كۆپ سىيىش ياكى قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىمۇ بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى پەيدا بولغان – بولمىغاننى تەكشۈرتۈش كېرەك .

چۈنكى ، ئوخشاش بولمىغان جايدا پەيدا بولغان بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئەگەر ئۆسمە ئىچكى پەردىدە بولسا ، ھەيز مەزگىلى ئۇزىراش ، ھەيز كۆپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئېغىر بولغاندا ، ئاغرىقتا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ ئەگەر بالياتقۇ مۇسكۇل دىۋارىنىڭ ئارىلىقى ياكى شىرىلىك پەردىنىڭ ئاستىدا بولغان ھەم سرتقا تومپىيىپ چىققان بولسا ، ئالدىدىن دوۋساقنى بېسىپ ، ئاغرىقتا كېچىسى كۆپ سىيىش ، پات – پات سىيگىسى كېلىش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ ؛ ئارقىسىدىن تۈز ئۈچەينى بېسىپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .



بەزى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ تاشقى تەرەپكە تومپىيىپ چىقىشى روشەن بولۇپ ، چوڭايغاندىن كېيىن ، قورساق قىسمىنى سىيلىغاندا مونەكنى تۇتقىلى بولىدۇ . يۇقىرقى ئالامەتلەر پەيدا بولغان ئاياللار چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ، بالياتقۇسىنى تەكشۈرتىشى كېرەك .

ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاستا – ئاستا كىچىكلەيدۇ ، بۇ چاغدا بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كىچىكلىمەستىن ، ئەكسىچە يوغىنىسا ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئىمكانقەدەر تېز داۋالىنىش كېرەك .

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-08 / 07:01:15

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ