ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىكىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال دىگەن سوئال كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىلمەكچى، بىلگەن تەغدىردىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان بىر نوقتا. ئاغزىمىدىن كىرگەن ئوزۇقلۇقلار ئىچىدىكى گلۇكوز (خەلق تىلىدا قەنت، شىكەرنى كۆزدە تۇتىدۇ ) بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئېنىرگىيەنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەمىنلەيدۇ. ئوزۇقلۇقلار پارچىلىنىپ ئىچىدىكى گلۇكوز قېنىمىزغا كىرىپ، بەدىنىمىزدىكى ھەرقايسى ھۈجەيرىلەرگە بېرىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال پائالىيەت قىلىشىغا ئېنىرگىيە مەنبەسى بولىدۇ. قاندىكى گلۇكوز ( يەنى خەلىق تىلىدى قەنت ۋەيا شىكەر) ئىھتىياجدىن كۆپ بولۇپ كەتسە، ھۈجەيرىلەر زەخىمگە ئۇچرايدۇ.

ئاشقازان ئاستى بېزىمىزدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىنسۇلىن دەل مۇشۇ قاندىكى گلۇكوز قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئۆزىمىزمۇ قاندىكى قەنت، شىكەر قىممىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن تاماقنى نورمىلىق يىيىشىمىز لازىم. ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزىمىز رولى ئاجىزلاشسا ياكى تامامەن يوقاتسا، تاماق تەڭشەش، ھەرىكەت قىلىش، دورا ۋە يا ئىنسۇلىن ئىشلىتىپ قاندىكى گلۇكوزنى نورمال سەۋىيەدە تۇتۇشقا مەجبۇر قالىمىز.

قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى قايسى تەكشۈرۈشلەر بىلەن بىلگىلى بولىدۇ؟

  1. ئاچ قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى تەكشۈرۈش
  2. توق قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى تەكشۈرۈش
  3. ئۈچ ئايلىق قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى ئوتتۇرا دەرىجىسى HbA1c تەكشۈرۈشى
  4. كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش
  5. OGTT ئېغىز گلۇكوز بەرداشلىق تەكشۈرۈشى
  6. باشقا تەكشۈرۈشلەر…

نورمالدا بىز ئۆزىمىز ئائىلىدە يۇقارىدا دەپ ئۆتۈلگەن 1،2 تەكشۈرۈشنى بىمالال قىلالايمىز. قالغانلىرىنى دوختۇرخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەردە (مەسىلەن: ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمى) ۋە مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا قىلدۇرۇش لازىم.

ئۇنداقتا، كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

تۆۋەندە ئۆيدە ئۆزىمىز ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئاچ قورساق ۋە توق قورساق قان قەنت (شىكەر) قىممىتى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمونلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.

ئاچ قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى تەكشۈرۈش

كىچىچە بىر نەرسە يىمەي، ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن، ھىچنىمە يىمەي تۇرۇپ، ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا تەكشۈرۈلگەن قان ئاچ قورساق قان ھىساپلىنىدۇ.

قاندىكى قەنت قىممىتى تۆۋەن:
(低血糖، hypoglycemia، hipoglisemi)
50-70 mg/dl
( 2.8 – 3.9 mmol/L )

 

قاندىكى قەنت قىممىتى نورمال:
70-100 mg/dl
( 3.9 – 5.6 mmol/L )

يوشۇرۇن دىئابېت بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى:
(隐型糖尿病، latent diabetes، gizli şeker)
100-125 mg/dl
( 5.6 – 6.9 mmol/L )

دىئابېت كېسىلى بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى:
(糖尿病، diabetes، Şeker Hastalığı)
126 mg/dl دىن يۇقىرى
( 7 mmol/L دىن يۇقىرى )

ئەسكەرتىش: پەقەت بىر قېتىملا تەكشۈرۈشتە چوقۇملا دىئابېت كېسلى ياكى ئەمەس دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەگەر بىرىنجى قېتىملىق ئاچ قورساق تەكشۈرۈشتىن شۈبھىرىڭىز بولسا، ئەتە ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش ئاچ قورساق ئەھۋالدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك.

توق قورساق قاندىكى قەنت قىممىتىنى تەكشۈرۈش

توق قورساق قان قەنت قىممىتىنى نورمالدا تاماق يىيىشنى باشلىغان تۇنجى كاپام يىمەكتىن ۋاقتىدىن باشلاپ 2. سائەتتە ئۆلچەش لازىم. يەنى تاماقنى دەل چۈش ۋاقتى 1:00 دە يىيىشنى باشلىدىڭىز. مەيلى 10 مىنوتتا يەپ بولۇپ، ياكى يېرىم سائەتتە يەپ بولۇڭ، توق قورساق قاننى 3:00 دە ئۆلچەيسىز.

قاندىكى قەنت قىممىتى نورمال:
80-140 mg/dl
( 4.4 – 7.8 mmol/L )

دىئابېت كېسىلى بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى:
(糖尿病، diabetes، Şeker Hastalığı)
200 mg/dl دىن يۇقىرى
( 11 mmol/L دىن يۇقىرى )

ئەسكەرتىش: پەقەت بىر قېتىملا تەكشۈرۈشتە چوقۇملا دىئابېت كېسلى ياكى ئەمەس دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەگەر بىرىنجى قېتىملىق توق قورساق تەكشۈرۈشتىن شۈبھىرىڭىز بولسا، ئەتە ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش توق قورساق ئەھۋالدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك.

ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئاچ قورساق، توق قورساق ۋاقىتلاردىكى قان قىممىتى تەكشۈرۈشلىرىڭىزدە قان قەنت قىممىتى زىيادە يۇقىرى ۋە يا زىيادە تۆۋەن چىقسا، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى، ئائىلە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى دوختۇرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش لازىم.

 

ھامىلە ئاياللارنىڭ قان شىكىرىنىڭ قىممەتلىرىدە سەل ئوخشىمىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. ئۇنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرەلەيسىز:

ھامىلە مەزگىلىدە قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

ھامىلە مەزگىلىدە قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

 

ئوخشىمىغان بىرلىكتىكى قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممەتلىرىنى يېزىپ قويدۇق. ئەگەر بۇ جەھەتتە قايمۇقۇپ قالسىڭىز، تۆۋەندىكى ھىساپلىغۇچتا قان قەنت (شىكەر) ئۆلچىگۈچ ئەسۋابىڭىزدىكى چىققان نەتىجىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بىز تەييارلىغان قىممەت ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

دوختۇرلار قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى

https://dohturlar.com/sinaq/qan-shiker-qimmiti-birliki-almashturush-mashinisi.html

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-08 / 09:42:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ