ئانا سەھىپەئالامەتلەركۆكرەك قىسىمكۆكرەك ئاغرىش ئالامەتلىرى قايسى كېسەللىكلەردىن دىرەك بېرىدۇ؟

كۆكرەك ئاغرىش ئالامەتلىرى قايسى كېسەللىكلەردىن دىرەك بېرىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كۆكرەك ئاغرىش كىلىنىكىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ، ئۇنى كۆكرەكنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ خىل كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ئاغرىش ئورنىغا ئاساسەن دىياگنوز قويغاندا بەزى يىپ ئۇچىلىرىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، لېكىن ئاغرىش ئورنى ۋە ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى بىلەن بىردەك بولۇشى ناتايىن

كېسەللىك سەۋەبى ۋە دىئاگنوز نۇقتىلىرى

1. كۆكرەك دىۋارىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى:

كۆكرەك دىۋارىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدە ئاغرىش كۆپىنچە كۆكرەك دىۋارى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئاغرىش ئورنى مۇقىم بولۇپ يەرلىك ئورۇننى باسقاندا ئاغرىيدۇ. چوڭقۇر نەپەسلىنىش، يۆتىلىش ۋە قولنى كۆتۈرۈشتەك كۆكرەك قەپىسى ھەرىكەتلىرىدە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىدۇ.

2. كۆكرەك پەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى:

كۆكرەك پەردە ياللۇغى كۆكرەك ئاغرىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبىدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: نەپەسلەنگەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ. ئاغرىقنىڭ ئورنى كۆپىنچە كۆكرەك قەپىزىنىڭ ئىككى تەرىپى تۆۋەنكى قىسمىدىكى ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى چوڭراق بولغان ئورۇندا بولىدۇ.

3. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى:

كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك قېپى ياللۇغى ۋە يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلار. يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان كۆكرەك ئاغرىقىنىڭ ئورنى يۈرەك ئالدى رايونى ياكى تۆش سۆڭىكىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدۇ ھەمدە سول مۈرە تەرەپكە تارقىلىدۇ. كۆپىنچە ھەرىكەت قىلغاندا، چارچىغاندا قوزغىلىدۇ ياكى كۈچىيىدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ قالىدۇ.

4. تىك پاسىل ۋە قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىرى:

قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، تىك پاسىل ئۆتكۈر ياللۇغى، تىك پاسىل ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆكرەك ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-02-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-02-17 / 08:41:31

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ