ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەرۋاكسىناكۆكيۆتەل كېسىلى ۋە كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى

كۆكيۆتەل كېسىلى ۋە كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۆكيۆتەل كېسىلى، ھەرقايسى ياشتىكى كىشىلەرگە يۇقۇش ئىھتىماللىقى بولغان يۇقىرى يۇقۇملىنىش نىسبىتى بولغان كېسەللىك، بولۇپمۇ 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا يۇقۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش سېستىمىسى كېسەللىكى. ئەڭ تىپىك كېسەللىك ئالامىتى، بوغۇلۇپ قېلىش دەرىجىدە ئېغىر يۆتەل ۋە نەپەستە قىيلىنىش ئەھۋاللىرىدۇر. بۇ كېسەللىك پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

يۆتەلدىن سىرت يەنە، ماڭقا ئېقىش، كۆز ياشاڭغۇراش، ھالسىزلىق، يېنىك دەرىجىدە قىززىتما قاتارلىق زۇكامغا ئوخشاش ئۈست نەپەسلىنىش يولى كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمما تېز شەكىلدە ئېغىرلاپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

كىچىك بوۋاقلارغا بۇ كېسەللىك يۇقۇملانسا، ئۆلۈم خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.

كۆكيۆتەل

ئۇيغۇرچە: كۆكيۆتەل
ئىنگىلىزچە: Pertussis
خەنزۇچە: 百日咳
تۈركچە: boğmaca

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
كۆك يۆتەل, پېرتۇسسىس, پېرتۇس

ئىنگىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
Whooping Cough

 

كۆكيۆتەل قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟

كۆكيۆتەل، Bordetella pertussis ئىسىملىك باكتېرىيىنىڭ يۇقۇملىنىشى سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ. ئادەمدىن ئادەمگە يۆتەل، چۈشكۈرۈش ئارقىلىق يەنى نەپەس يولى سىستېمىسى ئارقىلىق يۇقىدۇ. بۇ باكتېرىيىگە يۇقۇملانغاندا 7-10 كۈنلۈك يوشۇرۇن كېسەللىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. Bordetella pertussis باكتېرىيىسىنىڭ يۇقۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئەڭ ئاۋۋال بوغازغا جايلىشىدۇ. ئاندىن بىمار ئەگەر تازىلىققا دېققەت قىلمىسا، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقى ھەتتا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئىقتىساتىي مۇھىتى ناچار بولغان جايلاردا ياشاۋاتقانلاردا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش ئىھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى.

كۆكيۆتەل كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، چوڭلاردىن بالىلارغا يۇقىدۇ.

 

كۆكيۆتەل كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى قانچىلىك بولىدۇ؟

بىمار باكتېرىيىگە يۇقۇملانغاندىن 1-2 ھەپتىدىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. كۆكيۆتەل باكتېرىيىسىگە يۇقۇملانغان كىشى كېسىلى كونترول قىلىنمىغىچە ئەتراپتىكى كىشىلەرگە يۇقۇملاندۇرۇش ئىھتىمالى بار. كۈز پەسلىدە كەڭ كۆلەمدە يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى.

 

كۆكيۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

كۆكيۆتەل كېسىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ھەر 3-4 يىلدا بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك تارقىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كىچىك بوۋاقلاردا يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە، ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ تېزلا ئۆلۈپ كېتىشتەك ئېغىر ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەندە دەسلەپكە مەزگىلدە يېنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەچكە باشقا زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىكلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەپتىن ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇپ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىش مۈشكۈل، بۇ سەۋەبتىن ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ھەم شۇ ئائىلىگە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە ئېغىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

كۆكيۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ۋاكسىنا ئەملەش. ھازىرقى غەرىپ مېدىتسىناسىدا، ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى مەۋجۇت. 1985 يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسىنى ئەملەش باشلانغاندىن كېيىن ، بۇ كېسەلگە يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىشقا باشلىغان.

 

كۆكيۆتەل كېسىلىدىن شۈبھىلەنسەك قايسى بۆلۈمگە بېرىشىمىز كېرەك؟

بالىلاردا كۆكيۆتەلدىن شۈبھىلەنسە، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار نەپەسلىنىش يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىگە بېرىش كېرەك.

چوڭلاردا كۆكيۆتەلدىن شۈبھىلەنسە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، نەپەسىلىنىش يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا بېرىش كېرەك.

 

كۆكيۆتەل كېسىلىنى قانداق داۋالايدۇ؟

6 ئايدىن كىچىك بوۋاقلار چوقۇم دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇرۇپ داۋالىنىشى ، لازىم بولغاندا يېقىندىن كۈزىتىش بۆلۈمىدە داۋالاش كېرەك.
بۇ جەرياندا ئانتىبىئوتىك بېرىلىدۇ. چۈنكى كىچىك بوۋاقلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىر بولىدۇ. نەپەسلىنىشتە قىيلىنىش ۋە ئوزۇقلىنىشتا قىيلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئېغىر يۆتەل ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بەزىدە ھورمون دورىلىرى بېرىلىدۇ.

 

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بېكىتكەن بالىلار كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى ئەملىنىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قايسى شەكىلدە بولىدۇ؟

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرىلىك كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ۋاكسىنىنى (DaBT-İPA-Hib) بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە بوۋاق تۇغۇلۇپ 2، 4، 6 – ئايلاردا ۋە 18-ئايدا جەمئىي 4 قېتىم ئەملەيدۇ.

48-ئايدا 4 ۋاكسىنىنى (DaBT-İPA) بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە بىر قېتىم كۈچەيتكۈچى (مۇستەھكەملىگۈچى) ۋاكسىنىسى شەكىلدە ئەملىنىدۇ.

ھەر قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەندە، بالىلار ۋاكسىنا خاتىرە دەپتىرىگە (ۋاكسىنا كارتىسى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ) خاتىرىلىنىدۇ. بۇ دەپتەرنى ئامال بار يۈتتۈرۈۋەتمەي ياخشى ساقلاڭ.

 

كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى

ئۇيغۇرچە: كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى
ئىنگىلىزچە: Pertussis vaccine
خەنزۇچە: 百日咳疫苗
تۈركچە: boğmaca aşısı

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
كۆك يۆتەل ۋاكسىنىسى, پېرتۇسسىس ۋاكسىنىسى, پېرتۇس ۋاكسىنا

 

كۆكيۆتەل ۋاكسىنا ئەملەشنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر تەكرارلاش كېرەك؟

كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى بىلەن بەدەندە پەيدا بولغان ئىممۇنىتېت كۈچى 5-7 يىل ئارىسىدا داۋام قىلىدۇ. ئاندىن كۈچى ئاستا ئاستا يوقايدۇ. شۇڭا 7 يىلدا بىر قېتىم تەكرارلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسىنىڭ ئەكس تەسىرلىرى نىمە؟

ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا ۋاكسىنا ئەملىگەن جايدا قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ.
قىززىتما بىراز يۇقىرىلايدۇ.

 

كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى ھامىلدارلارغا ئەملەتسە بولامدۇ؟

مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى تەۋسىيەسى ئاستىدا ئەملەتسە بولىدۇ.

 

چوڭلار كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى قانداق ئەملىنىدۇ؟ بەدەننىڭ قايسى يېرىگە ئەملىنىدۇ؟

قۇرامىغا يەتكەنلەرگە 3 قېتىم كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى ئەملىسە بولىدۇ. ھەربىر ۋاكسىنا ئارىسىغا 4 ھەپتە ئارىلىق قويۇپ ئەملىنىدۇ. يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان ئىش، بىرىنجى ۋاكسىنىدىن 6-12 ئاي كېيىن، بىر قېتىم بوغما-قاتما ۋاكسىنىسى Td (دىفتېرىيا-تېتانوز) ئەملەش لازىم.

ۋاكسىنا مۇسكۇل ئۇكۇلى ئارقىلىق، مۈرە مۇسكۇلىغا ئۇرۇلىدۇ.

 

كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى كىملەرگە ئەملەشكە بولمايدۇ؟

سەۋەبى ئېنىق بولمىغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىمارلىرى
تۇنجى كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندە تارتىشىپ قېلىش، ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسى (ئانافىلاكسىيە) ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن كىشىلەر.
تۇنجى كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندە ئېغىر قىززىتمىسى بولغان كىشىلەر.

 

كۆكيۆتەل كېسىلىدىن قانداق ئۈنۈملۈك ساقلىنىش كېرەك؟

دوختۇرلار تورى بېكەت باشلىقى نۇرمەمەت دوختۇر تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

1. ۋاكسىنى ئەملىتىش بىرىنجى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېساپلىنىدۇ.
2. تازىلىققا دېققەت قىلىڭ.
3. قولىڭىزنى كۆپ يۇيۇپ بېرىڭ.
4. ئۇزۇن يوللۇق سەپەرلەردە قولىڭىزنى ئىسپىرىت بىلەن تازىلاپ تۇرۇڭ.
5. چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە بۇرۇن ئاغزىڭىزنى تازىلىق قەغىزى ياكى جەينىكىڭىزنىڭ ئىچى بىلەن ئېتىشكە ئادەتلىنىڭ.

 

ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن قايسى بۆلۈمگە بېرىشىمىز كېرەك؟

دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكى بېكىتكەن ۋاكسىنا ئەملەش جەدۋىلىگە ئاساسەن كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسىنى بالىلارغا ئەملىتىش ئۈچۈن مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى (ئائىلە دوختۇرى) غا بېرىش كېرەك.

 

ئەگەر ئارىلىقتىكى بىر قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەشنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسى باشلىنىپ، ئىككىنجى ياكى ئۈچىنجى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، توختاپ قالغان يەردىن باشلاپ داۋاملىق ئەملىتىش كېرەك.

قايتىدىن باشتىن باشلاش ھاجەتسىز.

ئاپتور: نۇرمەمەت دانىش (نۇر دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-25 / 02:54:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ