ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىكومپىيوتېر يىغىندا كېسەللىكى

كومپىيوتېر يىغىندا كېسەللىكى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كومپىيوتېر يىغىندا كېسەللىكى=电脑综合症

كومپيوتېر يىغىندا كېسەللىكى دېگىنىمىز :ئادەتتە كومپيوتېر بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان ،پروگرامما تۈزگۈچى خادىملارنىڭ ،مەركىزى نېرۋا سېستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان.بىر خىل ئۇنۋېرسال كېسەللىك بۇلۇپ ،كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:كۆز قۇرۇش،قىزىرىش،بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قىلىش، -باش ئاغرىش،ئۇيقۇسىزلىق ، بويۇن-گەجگە مۇسكۇللىرى تارتىشىپ ئاغرىش ، يۈرىكى رىتىمسىز سۇقۇپ كېتىش، كۆپ تەرلەش ، ئىشتىھاسىزلىق،كەيپىياتى تۇراقسىز ، روھى ھالىتى تۆۋەن بۇلۇش،ئىنكاسى ئاستىلاش،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش،ئاسان ئاچچىقلىنىش، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىش .قىز-ئاياللاردا ئادىتى قالايمىقان بولۇشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى يۇز بېرىدۇ.

بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

1 خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش.

2.ھاۋا ئۆتۇشچانلىغى ياخشى ئۆيدە خىزمەت قىلىش

3.يۇرۇقلۇق دەرىجىسى مۇۋاپىق ،كۇن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئۆينى تاللاش.

4.ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بۇلۇش.

5شارائىت ياربەرسە كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ھۆل لۆڭگە بىلەن كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۇش.

6مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغىغا قاراپ ھەر 2سائەتتە بىر قېتىم 5-10مىنۇتتىن ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتۈن بەدەننى ھەركەتلەندۇرۇپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىش.ۋىتامىن مول ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ،ياغ تەركىۋى تۆۋەن ،ئاسان ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك(سەۋزە،يېسىۋىلەك،پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، چىلان، سۇت، تۇخۇم،ھايۋانات جىگىرى، ئۇرۇق گۆش قاتارلىقلار .)بولۇپمۇ كېچىسى تۈنەپ خىزمەت قىلىدىغانلار، مەشغۇلات ۋاقتى زىيادە ئۇزۇنلار، ئۇخلاش ۋاقتىدا چوقۇم تەكشى جايدا بېشىنى تۇز قۇيۇپ يېتىش،پۇتنى سەل ئېگىز قۇيۇش بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە ئىككى پۇتنىڭ ئىششىپ قېلىشىنىڭ پۇت ۋېنا تومۇرنىڭ كۆپۇپ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەرتىپلىك خىزمەت، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، ئىلمى ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق يۇقۇرقىدەك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە ئىش ئۇنىمىڭىزنىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. ساغلام تەن ساغلام روھى كەيپىيات سىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىڭىزنىڭ ئاشقۇچى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:28:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ