ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىكومپيۇتېر كىسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

كومپيۇتېر كىسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كومپيۇتېرنىڭ ئوموملىشىشى كىشىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىش بىلەن بىللە ، يەنە سالامەتلىكىگە بەزى يۇشۇرۇن خەۋىپلەرنىمۇ ئېلىپ كەلمەكتە كۈنبويى

كومپيۇتىر بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك توققۇز خىل كىسەللىكلەردىن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ .

1-<< ئېكران يۈزلۈك بولۇپ قېلىش >> كېسىلى .
ھەر كۈنى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بەش سائەتتىن ئارتۇق مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان كىشىلەر ئەگەر دەم ئىلىشقا دىققەت قىلمىغاندا ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن . بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : تېرىسى خۇنۇكلىشىش ، يۈزىگە مونەك چىقىش ، كۆز ئەتراپى قارىداش قاتارلىقلار . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :1) ئېكران بىلەن بەدەننىڭ ئارىلىقى 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇش .2) كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال يۈزگە نەملىك ساقلاش مېيى سۈرىۋىلىش ، كومپيۇتىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن دەرھال يۈزنى يۇيىۋىتىش . 3)كۆپرەك چاي ئىچىپ بىرىش ۋە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىنى سۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك

2-<< تۇرۇپ پۇت >> كېسىلى

پۈتۈن كۈن كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندا ، پۇتلارنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي ئىششىپ تۇرۇپقا ئوخشاپ قالىدۇ .ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى :ھەر سائەتتە 10 قېتىمدىن زوڭزىيىش ھەرىكتى ئىشلەپ بىرىش كېرەك .

3- << مائۇس قول >> كېسىلى .

مائۇسنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەنلىكتىن قول ، بارماق ۋە ئالقانلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1)مائۇسنى ئىشلەتكەندە ، بىلەك ئېسىلىپ قالماسلىق .2) كۇنۇپكا ۋە مائۇسنى كۈچەپ باسماسلىق كېرەك .

4- ئومۇرتقا كېسىلى

ئۇزۇن مەزگىل باش ۋە بەدەننى ئېگىپ ئولتۇرۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :1) ئۇخلىغاندا ياستۇقنى پەسرەك قىلىش ، 2) كومپيۇتېر ئۈستىلىنىڭ ئېگىزلىكى 70 سانتىمېتىردىن ئېگىز بولماسلىق . 3) ھەر 40 مىنۇتتا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ بىرىش كېرەك .

5- كۆز قۇرغاقلىشىش.

ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېرغا قارىغاندا ، كۆز تېلىپ ئاغرىش ، قۇرغاقلشىش ، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1) كۆزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش ؛2) كومپيۇتېرغا قارىغاندا ، ئۆينىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن ئىكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش بولۇشى كېرەك .

6- تېرە سەزگۈرلىشىش كېسىلى

ئېكران ئوچۇق ھالەتتە نۇرغۇنلىغان چاڭ توزانلار ئېكرانغا قونۇپ ، تېرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :1) كومپيۇتېر ئەتراپىغا قەغەز ۋە ھۆججەتلەرنى دۆۋىلىۋەتمەسلىك كېرەك .2) داۋاملىق ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇش .3) ئۈستەلگە بىر تەشتەك كاكتۇس قويۇپ قويۇش كېرەك .

7- ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلى

ھەرقانداق ئىشتا كومپيۇتېرغا تايىنىۋالغانلىقتىن ، مېڭىنىڭ ئىقتىدرى ئاجىزلاپ ، ئەستە تۇتۇش قابلىيتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1) قېنىپ ئۇخلاش2) ھەر كۈنى 20 – 30 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش .3)قېنىپ نەپەس ئىلىپ ، كەيپىياتنى قويۇۋىتىش كېرەك.

8- ئەسەبىيلەرچە مەشغۇلات قىلىش كېسىلى

كومپيۇتېردىن چاتاق چىققاندا جىددىيلىشىپ ، كۇنۇپكا تاختىلىرىنى كۈچەپ بىسىش، ئاچچىقلىنىش ، كومپيۇتېرنى ئۆرىۋىتىش قاتارلىقلار . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى : مۇھىم ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا ساقلىۋىلىش كېرەك . بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېردا مەسىلە كۆرۈلگەندە چوڭ زىيان تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

9- مەركىزىي نېرۋا تەڭپۇڭسىزلىنىش كېسىلى.

ئۇزۇن مۇددەت بىكىنمە مۇھىتتا ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلغانلىقتىن ، باش ئاغرىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، كەيپىياتى تۆۋەنلەش ،داۋاملىق ھارغىنلىق ھىس قىلىش قاتارلىقلار كىلىپ چىقىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1) كومپيۇتېر ئەتراپىدىكى يورۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش .ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش .2) كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىپ بىرىش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-09-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:50:11

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ