ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىكومپيۇتېردا ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ

كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كومپيۇتېردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇنلار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەيدىكەن ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرمەيدىكەن

ئەنگلىيە كامبرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىش ئارقىلىق بىز مۇرەككەپ كومپيۇتېر ئويۇنلىرىنى ئويناشقا تېخىمۇ ماھىر بولۇپ كەتسەكمۇ، لېكىن بۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى تېخى ئىسپاتلىنىپ چىققىنى يوق.

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار بىلەن ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى « نەزەرىيەدىكى چوڭ پارتلاش» پىروگرامما گۇرۇپپىسى ھەمكارلىشىپ، 11 مىڭ نەپەر 18 – 60 ياشقىچە بولغان ساغلام ئەر – ئايال پىدائىيلارغا قارىتا بىر قاتار سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى سىناش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان.

بۇنىڭدا بىر قىسىم پىدائىيلارنى كۈنىگە 10 مىنۇتتىن ھەپتىدە 3 قېتىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇن ئويناشقا، يەنە بىر قىسىم پىدائىيلارنى بىر قىسىم ساۋات خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە تورغا چىقىپ جاۋاب تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

6 ھەپتىدىن كېيىنكى سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، توردىن جاۋاب تاپماقچى بولغان پىدائىيلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش بولغان. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم ھەرىكەت قىلىپ بېرىش، مەسىلەن، سەيلە قىلىش قاتارلىقلار، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:34:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ