ئانا سەھىپەبىلىمفىلىملىرىمىزكورونا ۋىرۇسىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش

كورونا ۋىرۇسىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كورونا ۋىرۇسى  كېسەللىرى قانداق داۋالىنىدۇ؟

ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بۇ قىتىم تارقالغان ۋىرۇس، باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشاش تېخى بىر ئۈنۈملۈك دورىسى كەشىپ بولمىدى. ۋاكسىنىسى يوق. ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى يەنى ئانتىبىئوتىك پايدا قىلمايدۇ. دوختۇرلار پەقەت بىمارلارنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاپ، بىمارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

دوختۇرلار بىماردىكى كېسەللىك ئىپادىسى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىيدۇ ۋە شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.

  1. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ياكى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەنلەر. بۇ تۈردىكى بىمارلار ئادەتتە ھىچقانداق ئالامىتى بولمايدۇ، بەك بولدى دىسەكمۇ بىراز قىززىتما ياكى گەل ئاغرىقى بولىدۇ. دوختۇرلار بۇ تۈردىكى بىمارلارغا ئۆيدە ئەڭ ئەز 14 كۈن قېلىشىنى تاپىلايدۇ. بۇ جەرياندا جىق سۇ ئىچىشنى، ياخشى ئارام ئېلىشنى، سىرتقا ھەرگىز چىقماسلىقنى، ئەگەر بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاپ كەتسە شۇ زامان دوختۇرخانىغا كېلىشىنى تاپىلايدۇ.
  2. كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولغانلار. بۇ تۈردىكى بىمارلار ئادەتتە زۇكام بولغاندەك، 37~38 دەرىجىلىك قىززىتمىسى، گەل ئاغرىش، بىراز يۆتەل، بەلغەم، ھالسىزلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئەمما ئۆپكە ئانچە زەخىم ئالمىغاچقا، بۇ تۈردىكى بىمارلارنى 2-3 كۈن يا دوختۇرخانىدا كۈزىتىپ ئەگەر ئېغىرلاشمىسا، ئۆيگە قايتۇرۋېتىدۇ ئاندىن داۋامىنى بىرىنجى تۈردىكى بىمارلارغا ئوخشاش تەدبىر ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى دوختۇرخانىدا تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.
  3. كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولغانلار. بۇ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ خەتەرلىك كىسەللىك ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ، نەپەس قىسىلىش بەكلا ئېغىر بولىدۇ. بۇ چاغدا بىمارنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ، ئوكسىگىن ھاۋا بېرىش ھەم باشقا دورا بېرىش ئارقىلىق داۋالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قىززىتمىسى بولسا ۋاقتىدا چۈشۈرۈشكە تىرىشىدۇ، ئاسما ئۇكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى ئازلاپ كەتكەن كېرەكلىك ماددىلارنىڭ تولۇقلايدۇ، باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى تەڭ كۆرۈلسە، مەسىلەن قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش، قاندىكى شىكەر ئۆرلەپ كېتىش، بۆرەكنى تازىلاش ئۈچۈن دىيالىز قىلىش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ. باشقا بىمارلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىمار ئايرىم بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ھەتتا بەك ئېغىر بولۇپ، ھاياتى خەۋپ يەتكەنلەرنى ICU دىگەن ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالاش بۆلۈمگە يۆتكەپ داۋالايدۇ. بۇ بۆلۈمدە داۋالاش جەريانىدا، بىمارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇخلىتىپ، ئېغىزدىن شىلەنكە خورتۇم سېلىپ، ماشىنا بىلەن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ھالىتىگە ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. بۇ ICU دىگەن بۆلۈمدە بىمارلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى ئادەتتە 8-19% ئەتراپىدا بولىدۇ.

كورونا ۋىرۇسىدىن قانداق ساقلىنىش لازىم؟

يۇقىرىدا دىگەندەك، ھاۋادا 3 سائەت، سۈلياۋ ھەم قاتتىق جىسىملار ئۈستىدە 3 كۈنگىچە ياشىيالىغان بۇ ۋىرۇستىن قانداق ساقلىنىش لازىم؟ بۇ نۆۋەتتە بىزنىڭ ھاياتىمىزغا تاقىشىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتى ماسكا تاقاش، قولنى 30 مىنۇتتا بىر يۇيۇپ تۇرۇش، كىشىلەر توپلاشقان يەردە تۇرماسلىق، كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان بويۇملارنى دائىم دىزىنفىكسىيە بىلەن تازىلاپ تۇرۇش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بەزى كىشىلەر بۇ ئۇسۇللارنىڭ پايدىسى يوق، ۋىرۇس ناھايىتى كىچىك تۇرسا، ماسكىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، كىشىلەر توپلاشقان يەرگە بارماي ئامالىمىز يوق چۈنكى ئىش قىلمىساق، قوساقنى كىم باقىدۇ، كۈندىلىك بويۇملارنىڭ ھەممىنى تازىلاپ بولالمايمىز دەپ ھەر خىل باھانىلەرنى دەپ باققانلار بولدى. ئەمما ھازىر دۇنيادا بۇ ۋىرۇستىن ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىۋاتقان بىر قانچە دۆلەتلەر دەل مۇشۇ دىيىلگەن ئۇسۇللارنى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن سەۋەبىدىن، بۇ دۆلەتلەردە يۇقۇملانغان كىشى ھەم ئۆلگەن كىشى سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ كەلمەكتە.

بىز يەكۈنلەپ چىققان تەدبىرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

  1. روھىي كەيپىياتنى چوقۇم ياخشى تۇتۇڭ. ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا راھەت قىلىڭ.
  2. ئائىلە كىشىلىرى ئالاقىڭىز بولسا، مۇناسىۋەتنى ياخشى تۇتۇڭ. بۇ ئارقىلىق ھەم سىزنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭزنى كەيپىياتى ياخشى بولسا، ئىنسان بەدىنى خوشاللىق ھورمونى ئىشلەپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى يۇقىرى قىلىدۇ.
  3. قولىڭىز بىلەن يۈزىڭىزنى، كۆزىڭىزنى، بۇرنىڭىزنى سۈرمەڭ
  4. قولىڭىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، ئامال بار تازىلىق قەغىزى بىلەن پاكىز سۈرتۈڭ. لۆڭگىنى ئاز ئىشلىتىڭ.
  5. سىرتقا چىقىدىغان زۆرۈر ئىش بولۇپ قالسا، N95 ماسكا تاقاڭ، ئەگەر بۇ بولمىسا، 3 قەۋەتلىك ئوپىراتسىيە ماسىكىسىدىن ئىككىنى تاقاڭ.
  6. يانچۇقىڭىزغا دىزىنفىكسىيەلىك پۈركۈگۈچ ياكى دىزىنفىكسىيەلىك ھۆل قەغەزدىن بىرنى سېلىۋېلىڭ.
  7. بولسا، يانچۇقىڭىزغا بىر قىتىملىق پەلەي 2~3نى سېلىۋېلىڭ. ئاپتوبۇسلارغا پەلەي تاقاپ چىقىڭ ۋە چۈشكەندىن كېيىن پەلەينى سېلىپ، ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىڭ.
  8. مەيلى كىم بولسۇن، قول ئېلىشىپ، باش سوقۇشتۇرۇپ ياكى يۈز يېقىشىپ كۆرۈشمەڭ.
  9. سىرتقا چىققاندا ئامال بار بىر يەرلەرنى تۇتماڭ. قولىڭىزنى ئامال بار يانچۇققا سىلىپ يۈرۈڭ.
  10. قولىڭىزنى يېرىم سائەتتە بىر يۇيۇڭ، ئىشتىن ئىلگىرى كېيىن چوقۇم يۇيۇڭ.
  11. تېلىفونىڭىزنى ۋە كومپىيوتىرىڭىزنى يېرىم سائەتتە بىر سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرۇڭ.
  12. ئۆيدە ئېغىز بوشلۇقىنى دائىم تۇزلۇق سۇدا چايقاپ تۇرۇڭ. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىڭ.
  13. ئۆيدە ماسكا، پەلەي، تېمپىراتۇرا ئۆلچىگۈچ (تېرمومىتىر) ، دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى، تازىلىق قەغىزى چوقۇم بولسۇن.
  14. ئۆيدە يۇقۇملىنىش خەۋپى بولغان كىشىلەر بار بولسا، كۈندە 2 قىتىم بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ.
  15. ئۆينىڭ ئىچىدە قالغانلار، چوقۇم ئۆي ئىچىدە، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغان ئاساستا چېنىقىپ بېرىڭ.

ماسكا پەلەي تاقاپ يۈرسەم سەت بولامۇ، تولا قەغەز ئىشلەتسەم، ياكى يانچۇقۇمدىن تازىلىق دىزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى ئېلىپ ئىشلىتىپ يۈرسەم ئەتراپىمدىكىلەر نىمە دەپ قالا دەپ يۈرمەڭ. ھازىرقى بۇ ئەھۋالدا، ھىچكىم سىزنى ئۇنداق دىمەيدۇ.

ئامال بار بۇ بىر مەزگىل سىرتقا چىقماڭ. گەرچە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. بىر كىشى پۇل تاپمىسا، پۈتۈن ئائىلە ئاچ قالىدىغان ناھايىتى كۆپ.  ئەگەر بانكىڭىزدا 3-4 ئايغا يىتىدىغان يىغىۋالغان پۇلىڭىز بولسا، ۋاقتىنچە شۇنىڭ ئىشلىتىپ تۇرۇڭ. سىرتقا چىقماڭ. بۇ 2-3 ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، قايتا ئىش تېپىشقا تىرىشىڭ. جان بولسىلا، پۇل ھامىنى تېپىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق پۇلۇم يوق، ھەركۈن پۇل تاپمىساڭ، ئۆيدىكىلەر ئاچ قالىدۇ دىسىڭىز، سىرتقا چىققاندا ئۆزىڭىزنى چوقۇم ياخشى قوغداڭ. يۇقىرىدا دىيىلگەن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى تولۇق ئېلىڭ. ئۇ تەدبىرلەر پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئائىلىڭىزنى بالىڭىزنى ، بىللە ياشاۋاتقان ئادىمىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن. بىراز پۇل كەتسىمۇ چوقۇم قىلىڭ. ماسكا، پەلەي، دىزىنفىكسىيە قەغىزى، پۈركۈگۈچ ئالغۇدەك ئېشىنچە پۇلىڭىز پەقەت بولمىسا ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلاردىن سوراڭ، خەلقىمىز ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرىدىغان بىر مىللەت ئەمەس.

تۆۋەندە دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ يېڭ ئۇچۇرلارنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان تور بىكەت ئادرىسىنى چاپلاپ قويدۇم. كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

https://www.who.int/emergencies/diseases/novel-coronavirus-2019

ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر  ئۆزىنىڭ پۇقراسىنى قوغداش ئۈچۈن كورونا ۋىرۇسىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن چىگرانى تاقاش ئۇسۇلى، دۆلەت ئىچىدە كارانتىنا ئۇسۇللىرى، ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى،  يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا تېپىپ ئايرىپ داۋالاش، كارانتىنا جەريانىدا ئىقتىسادتا قىينىلىۋاتقانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ھەرخىل ئىمتىيازلارنى يولغا قويغان.

24 چىسلا ئەنگىلىيەدە ئۆيدىن تالاغا چىقىش مەنئى قىلىنىپتۇ. ھىندىستان 25 چىسلادىن باشلاپ 3 ھەپتە ئۆيتىن تالاغا چىقىش مەنئى قىلىنىپتۇ. يېڭى زىنلاندىيە 26 چىسلا يەنى بۈگۈن سىرتقا چىقىش مەنئىي قىلىنماقچى بولۇپتۇ.

بۇ ۋىرۇس توغرىلىق سۆزلەيدىغان مەزمونلار ناھايىتى جىق. ھەم كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرۇلىۋاتىدۇ. شۇڭا كېسەللىكنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگەللەپ تۇرۇش، سىز شۇ تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم يول قويغان قانۇنلىرىنى بىلىپ تۇرۇش بەكلا بەك مۇھىم.

يۇقارقىدىكى مەزمونلار كۈندىلىك خىزمەت تەجرىبەمدىن، ۋىكىپېدىئادىن، كىتاپلاردىن، مۇناسىۋەتلىك تورلاردىن ئېلىنىپ قايتا رەتلىنىپ چۈشىنىشلىك تىلدا قايتىدىن تەھرىرلىنىپ ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇلدى. بۇلارنى تەييارلاشتىكى مەقسەت ئاساسلىقى خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن بۇ ۋىرۇس كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېنىق ياخشى تونۇش مەقسەت قىلدۇق. چۈنكى بىر ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى تونىغاندىلا، شۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ياخشى بىر تەدبىر ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

تەدبىر بىزدىن، تەغدىر ئاللاھتىن دىگەن بىر سۆز بار.  شۇڭا قېرىنداشلار چوقۇملا چوقۇم ئۆزۈڭلارنى، ئۆيدىكىلەرنى ياخشى ئاسراڭلار. يۇقارىدا دىيىلگەن مەزمونلارنى 20 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى بەكلا ئۈمىد قىلىمەن. سىلەر ھەم بالىلىرىڭلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى. شۇلار ئۈچۈن ئاسراشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ.

ئەلۋەتتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خاتالىق، نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايمىز. قىممەتلىك پىكرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر. سىزلەرنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ ئالدا ئىلگىرلىشىمىزدىكى ئەڭ زور تۈرتكە كۈچ.

ئەڭ مۇھىمى، تەن ساقلىق – زور بايلىق

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

https://www.britannica.com/science/virus/
https://www.nasa.gov/feature/ames/could-electricity-producing-bacteria-help-power-future-space-missions
https://www.yulghun.com/tools/convert.html
https://lughet.com/
https://www.nejm.org/doi/full/10.1056/NEJMp030078
https://en.wikipedia.org/wiki/Virus
https://en.wikipedia.org/wiki/Coronavirus
https://www.google.com/
https://www.cdc.gov/coronavirus/2019-ncov/index.html
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-03-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:28:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ