دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان رېتسىپلار

پالەكنى سىقىپ سۈيىگە قارا گۆش توغراپ تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلسا ، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى شىپا بولىدۇ .

تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى چالا پىشۇرۇپ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى شىپا بولىدۇ .

ئەنجۈر سۈيىنى ھەسەل سۈيىگە قوشۇپ كۆزگە سۈرسە ، كۆز ياشاڭغۇراشقا ، قاپاق قېتىنىڭ قاتلىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

سىقىپ چىقىرىلغان تۇرۇپ سۈيىگە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرسە ، كۆز قىزىرىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .

ئەمەننى سوقۇپ سۈيىنى سۈرسە ، كۆز ئاستى ۋە باشقا ئەزالاردا بولىدىغان كۆكۈش داغلارنى يوقىتىدۇ .

قۇرۇغان قىزىلگۈلنىڭ قايناتمىسىنى كۆزگە چاپسا ، قاپاقنىڭ ئىشىپ قېلىشىغا داۋا بولىدۇ

لالە گۈلنىڭ شىرنىسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسە ، كۆزنىڭ خىرەلىشىشىگە ، كۆزگە ئاق چۈشكەنگە ۋە كۆزدىكى يارىلاردىن قالغان ئىزلارنى تازىلاپ چىقىرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .

ئاق لەيلى سۈيىنى ھەسەل بىلەن كۆزگە سۈرسە ، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئالىدۇ

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-09

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:11:51

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,663FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر