شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە چېنىقمايدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا ، دائىم چېنىقىدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاز بولىدىكەن .
شىۋېتسىيە كارولىنسكا تېببىي ئىنىستىتۇتى 1997 – يىلىدىن باشلاپ 45 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 45 مىڭ شۋېتسىيىلىك ئەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنى ئون يىلدەك ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان .
بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا ، دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ، خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دائىم چېنىقىدىغانلاردىن %20 يۇقىرى بولىدىكەن .
مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىلەنمۇ مۇئەييەن باغلىنىشلىق ئىكەن .