ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشكۈتۈلمىگەن كېسەللەرگە قوللىنىدىغان جىددىي تەدبىرلەر

كۈتۈلمىگەن كېسەللەرگە قوللىنىدىغان جىددىي تەدبىرلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئىچى سۈرگەندە كېسەل ئەھۋالى ئانچە ئېغىر بولمىسا 100 گىرام قايناقسۇغا بىر قوشۇق شېكەر ۋە ئازراق تۇز سېلىپ ئىچك

ئىچى سۈرگەندە كېسەل ئەھۋالى ئانچە ئېغىر بولمىسا 100 گىرام قايناقسۇغا بىر قوشۇق شېكەر ۋە ئازراق تۇز سېلىپ ئىچكەندە ياكى ئازراق گۈرۈچنى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ. كېسەل ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم.

ياغ ياكى قايناقسۇدا كۆيۈپ قالغاندا كۆيۈك يىنىك بولسا دوختۇر پاختىسىنى خلورومىتسېتىنغا چىلاپ يارا ئورنىغا سۈرسە ئىچىشىش ۋە ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلىتىدۇ. ئەگەر كۆيۈك ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم.

تارتىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئاۋۋال بىمارنى ياتقۇزۇپ ئېغىز ۋە بۇرنىنى تازلاش ئاندىن يۇمشاق رەختنى چىشلىتىپ بىمارنىڭ تىلىنى چىشلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاندىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىشدوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك .

بالىلار غەيرىي نەرسلەرنى يۇتىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا ، 150~100 گىرام كۈنجۈت يېغىنى قىزىتىپ ئازراق ھەسەل ياكى شېكەر ئارلاشتۇرۇپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بالىغا ئىچكۈزۈلسە، بالا يەۋالغان نەرسە 24 سائەت ئىچىدە چوڭ تەرىتى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ.

بالىلار كېچىدە تۇيۇقسىز قىزىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا قىزىتمىسى بەك يۇقۇرى بولمىسا مۇزنى لۆڭگىگە ئوراپ بالىنىڭ قولتۇقى ۋە پىشانىسىگە قويۇش لازىم. قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسى بېرىڭ. بالىنىڭ قىزىتمىسى يوقۇرى بولسا، ياكى فىزىكىلىق ئۇسۇن ۋە دورىلار بىلەن قىززىتمىسى چۈشمىسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش لازىم.

بالىلار يىقىلىپ چۈشۈپ بېشىنى ئىششىتىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا ، كېسەل ئەھۋالى ئېغىر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، دوختۇر پاختىسىنى بروموگرامىنغا چىلاپ ، ئىششىپ قالغان ئورۇننى پاكىز سۈرتۈش ۋە بىر قىسىم ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى سۈرۈش كېرەك.

ئىششىپ قالغان ئورۇننى قول بىلەن ئۇۋلاشقا بولمايدۇ. مۇز پارچىسىنى لۆڭگىگە ئوراپ ئىششىغان ئورۇنغا قويسا، ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-04-27 / 10:48:51

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ