لەۋ سېرىق بولسا: بۇ، ئورگانىزملاردا ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ياكى دورا ماتېرىياللىرىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنىڭ تىپىك دەلىلى.
لەۋ ئۇششاق يېرىلسا: ۋىتامىنB2 زىيادە كەملىكىنى ياكى ئىسسىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى.
ئۈستۈنكى كالپۇك قۇرغاقلاشسا: چوڭ ئۈچەينىڭ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنىڭ، ئېغىز شىللىق پەردىلىرى، قۇلاق، بۇرۇنلاردا كېسەللىك بارلىقىنىڭ بېشارىتى.
كالپۇك ئاقىرىپ قالسا: چوڭ ئۈچەيدە توسالغۇ بارلىقىنى ياكى ئىچى سۈرۈپ، قورساق كۆپۈپ مۇجۇپ ئاغرىش، ئىسسىقلىقى ۋە سوغۇقلۇقى زىيادە ئارتىپ كەتكەنلىكىنىڭ دەلىلى.
تۆۋەنكى كالپۇك ئۇچى قىزىرىپ قالسا: ئاشقازاندا ئىششىق بارلىقىنى ياكى ئاشقازان ئاغرىقى، قورساق كۆپۈش، كېسەللىك ھالىتىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
لەۋنىڭ ئاستى سېرىق بولسا: جىگەر ياللۇغى ياكى جىگەر، ئۆتنىڭ زەئىپلىشىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى.
لەۋ توق قىزىل بولسا: قىزىتما بولۇپ قېلىش ياكى يۈرەك بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى، نەپەس يوللىرىدا ياللۇغلىنىش كېسەللىكلىرى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەنبە:
تور دۇنياسى
(ئەسلى ئاپتورى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ)