ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىلىمون سۈيى دىئابىت كېسىلىنى راستىنلا تۈپتىن ساقايتامدۇ؟

لىمون سۈيى دىئابىت كېسىلىنى راستىنلا تۈپتىن ساقايتامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېقىندا بەزى سالونلاردا دىئابىتنى تۈپتىن ساقايتىدىغان ئۇسۇل يەنى لىمون سۈيى ئىچىش ئارقىلىق تۈپتىن ساقايىش دەپ ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلاندى

ئاۋۋال تورداشلار ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قويۇڭلار . دىئابىتنى تۈپتىن ساقايتىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى تېخى پەيدا بولمىدى . مەيلى دورىلىق بولسۇن ياكى بىر ئىككى خىل مىۋە بولسۇن .

ھازىر دۇنيادىكى دىئابىت كېسەللىكلىرى كۆپىنچە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بىرسى 1.تىپ دىئابىت كېسىلى يەنە بىرسى 2.تىپ دىئابىت كىسىلى . ئەتراپىمىزدىكى دىئابىت كېسەللىرى ئاساسەن بۇ ئىككىسدىن بىرسى بولىدۇ . يەنە ناھايىتى ئاز ساندىكىلەر بولسا ھامىلدارلىقتىكى ۋاقىتلىق دىئابىت كېسىلى ھەم باشقا سەۋەبلەردىن بولغان دىئابىت كېسىلى دەپ بار . ئەمما ئاساسلىقى شۇ ئالدىدا دىيىلگەن ئىككى خىل دىئابىت كېسىلى بار . ھەرقايسى تۈردىكى دىئابىت كېسەللىكىنىڭ تەپسىلاتىنى كېيىنكى يازمىلاردا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرىمىز .

مەيلى قايسى تۈردىكى دىئابىت كېسىلى بولسۇن ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ نورمال ئىشلىيەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بىز ئادەتتە تاماق يىگەندە، تاتلىق تۈرۈم يىگەندە ، بۇ يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا بېرىپ ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئارىلىشىپ قوچۇلۇپ ئاندىن ئىنچىكە ئۈچەيگە بارىدۇ ، بۇ يەردە يېمەكلىكلەرنىڭ شېكەر قىسمىنى پارچىلاپ ، بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىگە شېكەرنى ئېلىپ كىرىپ نورمال ئىشلىشىگە ئېنىرگىيە تەمىنلەش ئۈچۈن بىزنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش لازىم . دىئابىت كېسەللىرىدە دەل مۇشۇ ئىنسۇلىن كام ، شۇڭا يېمەكلىكلەردىن كەلگەن شېكەر ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىگە كىرەلمەي قانغا بەكرەك كېتىپ قالىدۇ ، نەتىجىدە قاندا شېكەر سەۋىيىسى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ ، سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقتارىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ . شۇڭا دىئابىت كېسىلىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى قەنت سىيىش كېسىلى 糖尿病 تاڭنىياۋبىڭ دەپمۇ ئاتايمىز .كونىلارنىڭ يەنە بىر دىيىشىچە ، بۇنى بايلار كېسىلىمۇ دەپ ئاتاپ قويىدۇ .

قاندا شېكەر كۆپ بولىۋەرسە ، قان قويۇقلىشىدۇ ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلايدۇ ، قان لازىم ئورگانلارغا قان ئاستا بارىدۇ قان ئازلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ ئورۇنلارنىڭ رولى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ . بۇنىڭدىن سىرت شىكەر يەنە ھەرقايسى ئورگانلارغا يەنى كۆز ، بۆرەك ، جىگەر ، يۈرەك ، نېرۋىلارنىڭ ئۇچلىرى … قاتارلىق قان تومۇر بارالىغان ھەرقايسى يەرلەرگە بېرىپ شۇ يەردە بىنورماللىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ئۇزۇن يىل دىئابىت بولغان بىمارلار قان شېكىرىنى نورمال كونترول قىلالمىسا ، يۈرەك كېسىلى ، قان تومۇر قېتىشىش ، شوك ، دىئابىت پۇتى ، كۆز كېسەللىكلىرى دىگەندەك ناچار ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ .

دەل مۇشۇ ئەلمىساقتىن بولۇپ كېلىۋاتقان كېسەللىككە پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرىمى كېچەمۇ كۈندۈز تىرىشىپ يۈرۈپمۇ تېخى بىر ‏«تەلتۆكۈس ساقايتىدىغان ئامال» تاپالمىدى . يەنى ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ نورمال ساغلام ۋاقىتقا ئوخشاش ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرالايدىغان ئەھۋالغا قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئۇسۇل تېخى تېپىلمىدى .

ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قەنت سىيىش كېسىلىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :
1.چوقۇم ئاۋۋال كەسپىي دوختۇرغا كۆرۈنۈپ پۈتۈن بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش پىلانىنى قويۇش لازىم

2.دورا بىلەن قاننى تەڭشەش ، ئاشقازان ئاستى بېزىنى كۈچلەندۈرۈش ، يېمەكلىكتىن شېكەر قىسمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش

3.كۈندىلىك ئۈچ ۋاق غىزانىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش ۋاقتىنى رېتىملىق قىلىش يەنى كۈندە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا غىزالىنىش ، بىر ئولتۇرۇشتا زىيادە كۆپ نەرسە يەۋالماسلىق ، يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى دىئابىت كېسىلىگە ماسلاشقان ھالدا تەڭشەش ۋە ئارىلاشتۇرۇپ يىيىش ، ھەرگىزمۇ بىر خىل يېمەكلىكنى مىۋىنى كۆپ يەۋالماستىن تۈرىنى مول قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش

4.كۈندە نورمىلىق رىتىملىق چېنىقىش

5.كەيپىياتنى كۆتىرەڭگۈ تۇتۇش

بۇ 5 ئاساسلىق ئۇسۇلنى تەپسىلى ئىچكىرىلەپ چۈشەندۈرمىدۇق . بۇنىڭ سەۋەبى ، ئوخشىمىغان بىمارلارغا ئوخشىمىغان ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لازىم . ئەمما بۇ 5 چوڭ ئاساستىن چەتنەپ كەتمەيدۇ .

يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن قەنت سىيىش كېسىلىنى داۋالاپ كېلىۋاتىدۇ ، پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيادىكى دىئابىت بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدىكى 5 نۇقتىغا رىئايە قىلىش ئارقىلىق دىئابىت كېسىلى بىلەن كۈرەش يولىدا ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە يەنى قان شېكىرىنى نورمال سەۋىيەدە تۇتۇپ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. بۇ بىمارلارنىڭ ھاياتى ، تۇرمۇشى نورمال كېسەل بولمىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ئۆمۈر كۆرمەكتە ھەتتا بەزى ئەيشى ئىشرەت بىلەن كەيىپ ساپا بىلەن تۇرمۇشى رېتىمسىز ئۆتۈۋاتقان كىشىلەردىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەكتە .

لىمون بىلەن دىئابىت كېسىلىنى ساقايتقىلى بولىدىغان توغرىسىدا دۇنيادا تېخى بىرەر تىببىي ساھەسىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىمۇ يوق ھەم ئىسپاتلانغان تەتقىقاتمۇ يوق . بۇنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك . لىمون ياخشىكەن دەپ كۈندە لىمون سۈيى ئىچىش ھەتتا ئۈمىدنى بۇنىڭغا باغلىۋېلىش چوڭ بىر خاتالىق . چۈنكى دىئابىتنى داۋالاش پىرىنسىپىدا بىر خىل يېمەكلىك ياكى بىر خىل مىۋىنىلا كۆپ ئىستىمال قىلىش بەدەننىڭ بۇ خىل مىۋىگە بولغان ئىھتىياجىنى ئازايتىپ شېكەرنىڭ ئېشىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ .

بىر ئىككى ئۇسۇل (لىمون سۈيى بىلەن دىئابىتنى تەلتۆكۈس ساقايتىش دىگەندەك ) بىلەن تەلتۆكۈس ساقايتقىلى بولىدۇ دەپ خەلقنى ئالداۋاتقان ، بىمارنى ۋاقىتلىق بىھۇدە خوش قىلىپ قويۇپ داۋالىنىش رىتىمنى بۇزۇپ قويغان كىشىلەر كۆپ . بۇ كىشىلەر يا قولىدىكى ئاتالمىش دورىسىنى ئالداپ سېتىش ، ياكى سالونىنىڭ ھەمبەھىرلىنىش سانىنى يۇقىرىلىتىش سالون زىيارەتچىسىنى كۆپەيتىش … دىگەندەك ئىقتىسادىي مەنپەئەت غەرىزى ئۈچۈن كلىنىكلىق تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئويدۇرما ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى ئادەمنىڭ غەزىبىنى قوزغايدۇ . دىئابىت ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىگى بار بىمارلاردا مۇشۇ كېسەلگە بىر داۋا ئىزدىسەم بولاتتى ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ساقايتىۋالسام بولاتتى دىگەن خىيالدا بولىدۇ ھەم روھىي دۇنياسى ئاجىز نازۇك كېلىدۇ . ئەگەر مۇشۇ يالغان ئۇچۇرلىرىڭلار بىلەن مۇنتىزىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان داۋالىنىشى توختاپ قېلىپ مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتكە قالسا ، بۇنى ئاشۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان سالونچىلار ھەرگىزمۇ بۇ دۇنيادا بولسۇن ئۇ دۇنيادا بولسۇن جاۋابىنى بېرىپ بولالمايدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-01 / 04:47:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ