تۆۋەندىكى ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلىۋېلىڭ، پايدىسى تىگىپ قالىدۇ
* تاتلىق ئانار سۈيى بىلەن شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ شەربەت تەييارلاپ ، كۈندە بىر ۋاق ئىستېمال قىلىشنى بىز مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، قاننى كۆپەيتىپ ، ماغدۇرسىزلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
* بېھىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ يالپاقداپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ، مۇراببا ياساپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلسا ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، ماغدۇرسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
* تاتلىق بادام مېغىزىدىن 60 گىرام ، ئاق جىگدە ، ياڭاق مېغىزى ، ئۆرۈك مېغىزىدىن 20 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ سوقماق ياساپ ، كۈندە ئىككى ۋاق مۇۋاپىق مىقدار ئىستېمال قىلسا ، بەدەننى كۈچەيتىپ ، ماغدۇرسىزلىققا شىپا بولىدۇ .
* 100 گىرام ئاپلېلسىن ، 200 گىرام ئالمىنى ئېزىپ سۈيىنى چقىرىپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا كالا سۈتى ، ھەسەل ۋە قايناق سۇ قوشۇپ كۈندە بىر–ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىپ بېرىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ، بەدەندىكى ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش ئۇسۇللىرى