ئانا سەھىپەبىلىمتۇرمۇشماسكا تاللاپ باقايلىمۇ؟ ماسكىلارنىڭ پەرقى

ماسكا تاللاپ باقايلىمۇ؟ ماسكىلارنىڭ پەرقى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۈگۈن بىز ماسكا توغرىلىق بىراز مەلۇمات بەرمەكچى. گەرچە بىراز كىچىككەن بولساقمۇ، ئەمما يەنىلا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىنىشنى توغرا كۆردۇق.

بۇ قېتىمقى كېسەللىك سەۋەبىدىن ماسكىلار بەك قىممەت بولۇپ كەتتى. ماسكىسى بارلار خۇددىي بايۋەتچىلەردەك كۆڭلى توق بولىدۇ. ماسكىلارنى توپلىۋېلىپ پۇل تاپقانلارمۇ بولدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ماسكا ناھايىتى مۇھىم بىر ئورۇنغا كەلدى.

بۇ ۋىدىئورىمىزدا قىسقىچە قىلىپ كۆرۈرمەنلەرگە ماسكا توغرىلىق بىلىملەرنى ھەمبەھىرلەنمەكچى.

  1. ماسكىنىڭ پايدىسى بارمۇ؟

ماسكىنىڭ پايدىسى بار.

گەرچە بەزىدە توردا ئۇبۇ پروففىسورلارنىڭ ماسكىنىڭ پايدىسى يوق دىگىنىنى كۆرىمىز. ئەمما بۇلار يەنىلا ئاز قىسىمدىكىلەردۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپىنچە پروففىسور، دوختۇرلار، ساقلىق تەشكىلاتلىرى ھەممىسى ماسكىنى تاقاشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ سىزگە كىرىشىنى توسىغان بولسا، ھەم ئەگەر سىزدە بولۇپ قالسا، بۇ ۋىرۇسنى سىرتقا تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىدىكەنسىز.

  1. دورىخانىلاردا قانچە تۈرلۈك ماسكىلار بار؟ ھەربىرىنىڭ پەرقى نىمە

ئادەتتە دورىخانىلاردىن 3 تۈرلۈك ماسكا تاپقىلى بولىدۇ.

نورمال ئىككى قاتلىق ماسكا،

ئوپىراتسىيەدە ئىشلىتىدىغان ئۈچ قاتلىق ماسكا

ن95 دىگەن ماسكا.

نورمال ئىككى قاتلىق ماسكا: بىر قىتىملا ئىشلەتكلى بولىدۇ. ئادەتتە تازىلىق قىلغاندا چاڭ توزاندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مىكروپ ياكى ۋىرۇسنى توسالمايدۇ.

ئۈچ قاتلىق ئوپىراتسىيە ماسكىسى: بۇمۇ بىر قىتىلىق ئىشلىتىلىدىغان ماسكا. دوختۇرخانىدىكىلەر ئىشلىتىدۇ. نورمالدا 3-5 مىكرومىتىردىن چوڭراق بولغان چاڭ توزاننى توسىيالايدۇ.

ن95 ماسكىسى : يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ياسالغان ماسكا.

ئەمما بىرلا ئادەم ئىشلىتىدۇ.

  1. ئوپىراتسىيە ماسكىسى بىلەن بىر قىتىملىق ماسكانىڭ ئىچى تىشىنىڭ پەرقى بارمۇ

ئوپىراتسىيە ماسكىسى: ئەڭ سىرتىدىكى كۆك يېشىل پەردىسى، سۇ ياكى سۇيۇقلۇق، قان، قۇسۇق قاتارلىقلارنى قوغدايدۇ. ئوتتۇرا قىسمى پەردىسى سۈزگۈچ رولىنى ئوينايدۇ. بۇ قەۋەتتە، 5 مىكرومىتىر ياكى بۇنىڭدىن چوڭ بولغان كىچىك چاڭ توزانلارنى توساپ قالىدۇ. ئىچىدىكى پەردىسى بولسا، تاقىغان كىشىنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھور، تۈكۈرۈك، بەلغەملەرنى سۈزۈۋالىدۇ، بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا چىچراپ كىتىشتىن ئالدىنى ئالىدۇ.

دوختۇخانىدا، مۇشۇنداق تۈردىكىدى ماسكىنى ئىشلىتىش شەرت. ئەمما، ماسكا تاقىغۇچىنىڭ يۈزىگە تامامەن يىپىشىپ تۇرمىغاچقا، يەنى بوش يەرلەر ئېچىلىپ قالىدىغان يېرى بولغاچقا، يەنىلا مىكروپ يۇقۇش ئىھتىمالى بولىدۇ.

ئىككى قاتلىق نورمال ماسكا، سىرتقى قىسمى چاڭ توزان توسۇيدۇ، ئىچىدكى قات ھور تۈكۈرۈكلەرنى شۈمۈرۋالىدۇ. لېكىن بۇنى پەقەت تازىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدۇ. دوختۇرخانىدا ئىشلەتمەيدۇ.

  1. ن95 دىكى نەپەسلىنىش كىلاپانى بار بولسا ياكى يوق بولسا پەرق قىلامدۇ؟

يېقىنقى بۇ ۋاقىتلاردا ن 95 بەك مودا بولۇپ كەتتى. دىمىسەممۇ بىلىسىلەر . بۇرۇن مەنمۇ بەك دىققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن. پەقەتلا ئاندا ساندا دوختۇرخانىدا كۆرەتتىم، ياكى بولمىسا فىلىملەردە كۆرەتتىم. بۇ قىتىم كېسەللىكلەر تارىغاندىن كىيىن ئىزدىنىپ باقسام، بۇ ن95 ماسكا مىكروپ ۋىرۇسلارغا خېلىلا ياخشى قوغدىنىشچانلىقى بارلىقىنى بىلدىم. ن دىگىنى Not resistant to oil، يەنى بۇنىڭ مەنىسى مايغا چىداملىق ئەمەس، 95 دىگىنى ھاۋادىكى ماددىلارنىڭ يۈزدە 95 نى ئۆتكۈزمەيدۇ دىگەن مەنىدىكەن. يەنى چاڭ توزان ئەسلا ئۆتمەيدۇ، مىكروپ، ۋىرۇسلارنىڭمۇ تەڭدىن تولىسىنى ئۆتكۈزمەيدىكەن.

ئادەتتە ، دىئامىتىرى 300نانومىتىرغا كەلگۈدەك دەرىجىدىكى ۋىرۇسلارنىمۇ توسىيالايدىغان رولى بار.  ياخشى تاقىسا چاڭ توزان ئۇياقتا تۇرسۇن، مىكروپلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك، ۋىرۇسلارنىڭمۇ خېلى كۆپ ساندىكىلىرىنى توساپ قالالايدۇ.

بۇ ن95 ماسكىنىڭ  2 خىل شەكلى بولىدۇ، كىلاپانلىق، ۋە كىلاپانسىز. ئامال بار كىلاپانسىزلىقى بولسا شۇنى ئالغان ياخشى. بۇ ن 95 ماسكىنىڭ 3 دەرىجىلىك بولىدۇ. ف ف پ 1، 2، 3 دەپ ، سىز ئالغاندىكىن چوقۇم ف ف پ 3 نى ئېلىڭ. ن 95 ماسكىنىڭ، ف ف پ 3 لىقى ئەڭ ياخشى دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.

  1. ن95 نى تەكرار ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

ن95 ماسكىنى چوڭ مەسىلە چىقمىسىلا، 10 -15 كۈنگىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. چوڭ مەسىلە دىگىنىمىز، بەكلا مەينەت بىر چاڭ توزانلىق، بۇسلۇق بىر يەردە ئىشلەپ، كەچ كىرگىچە ماسكىڭىز قارىداپ ، ياكى مايلىشىپ كەتسە، ماسكىڭىز سۇغا چۈپ كەتسە، ياكى نەم بىر يەردە قېلىپ نەملىشىپ قالغان بولسا، بۇنداق ئەھۋاللاردا ئىشلەتمەڭ.

  1. بۇ قىتىملىق ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدا قايسى ماسكا ياخشى؟

بۇ قىتىم كەڭ كۆلەمدە تارقالغان كورونا ۋىرۇسنىڭ دىئامىتىرى 120 نانومىتىر ئەتراپىدا دەپ مۆرچەللىنىۋاتىدۇ. ھەم بۇ ۋىرۇس ئادەتتە كىچىك چاڭ توزان، بەلغەمگە يېپىشىپ تۇرۇپ تارقىغاچقا، ن95 لىق ماسكىسى بۇلارنى خېلىلا ياخشى توسىيالايدۇ.

تۈركىيەدىكى باھاسى50 60  لىرا ئەتراپىدا بولۇۋېتىپتۇ.

ئەگەر بۇنى ئالالمىسىڭىز، جىددىي سىرتقا چىقىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ھىچ بولمىسا، ئوپىراتسىيە ئۈچ قاتلىق ماسكىدىن ئىككىنى تاقاپ چىقىڭ.

مەن تۆنۈگۈن دوختۇرخانىدا، ن 95 ماسكىنىڭ تېشىغا يەنە بىر قات ئوپىراتسيە ماسكىسى تاقاپ ئىشلىدىم.

  1. ماسكىنى قانداق تاقاش كېرەك؟

ماسكا تاقىغاندا چوقۇم، ئوچۇق يەرلەرنى تولۇپ يېپىش لازىم. 100 دە يۈز ياپقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئامال بار ياخشى توساش كېرەك.

ھىم قىلىڭ

ئالغاندا ئىككى قول بىلەن يىپىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئېلىڭ

ئاندىن ئەخلەت ساندۇقىغا ئېتىڭ

قولىڭىزنى يۇيۇشنى ئۇنتۇماڭ.

  1. ماسكىلارنىڭ ساقلاش ۋاقتى بارمۇ؟

بولىدۇ. سېتىۋالغاندا ئۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇڭ.

  1. ماسىكىمىز بولمىسا، چۈشكۈرگەندە قانداق قىلىمىز؟

جەينىكىمىز بىلەن توسايمىز. مەيلى سىزدە كېسەللىك بولسۇن بولمىسۇن، بۇ ھەرىكەتكە چوقۇم كۆنۈڭ. قولىڭىز ئالقىنىڭىز بىلەن توسۇسىڭىز، يەنە ئاپىرىپ بىلىپ بىلمەي كۆزىڭىزنى، بۇرنىڭىزنى تۇتىسىز. شۇڭا چوقۇم دىققەت قىلىڭ.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز،

ئەڭ مۇھىمى، بىر مەزگىل سىرتقا چىقماڭ. چىقىش زۈرۈرىيىتى بولسا، ماسكىنى چوقۇم تاقاڭ.

ماسكا ئالسىڭىز دورىخانىدىن ياكى ئىشەنچلىك يەرلەردىن ئېلىڭ.

قاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىدۇ

نەدىن ئىشلەپ چىقىرىپتۇ

ئاغزى ئېچىلىپ بىقىپتىكەنمۇ ئۇلارغا دىققەت قىلىڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-03-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:27:56

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ