ماخاۋ كېسىلى (جۇزام كېسىلى، لېپرا كېسىلى)
麻疯
Leprosy (Hansen’s Disease)
Cüzzam
ماخاۋ كېسىلى خەنسېن كېسىلى (ئۇيغۇرچىدە جۇزام كېسىلى، لېپرا كېسىلى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، يېنىك دەرىجىدە يۇقۇملۇق كېسەللىك ھىساپلىنىدۇ. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ماخاۋ كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ ، ئەگەر تېز داۋالانسا ، ئادەمگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكىلرى ۋە باشقا يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ماخاۋ كېسىلى سەۋەبلىرى
ماخاۋ كېسىلى (خەنسېن كېسىلى) Mycobacterium leprae ماخاۋ باكتېرىيەسى (لېپرا شاخسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى) دەپ ئاتىلىدىغان باكتېرىيە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى تېرە ، نېرۋا ۋە كۆزگە تەسىر قىلىدۇ.
ماخاۋ كېسىلى يۇقىرى يۇقۇملۇق كېسەل ئەمەس. يوشۇرۇن دەۋرى (يۇقۇملىنىش بىلەن كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرۈش ئارىلىقى) ئۇزۇن – ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يىل ، ئەمما بىر يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بولىدۇ.
ماخاۋ كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى ۋە ئالامەتلىرى بار؟
تېرىدە نورمال رەڭگە ئوخشىمىغان رەڭدە داغ پەيدا بولۇش. ئاق رەڭلىك تېرىدە قوڭۇر، قارامتۇل رەڭ داغ پەيدا بولىدۇ ئەمما قارامتۇل تېرىدىكى كىشىلەردە ئوچۇق رەڭدە داغ پەيدا بولىدۇ.
بۇ داغلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاغرق ياكى قىچىشىش بولمايدۇ. ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا باسسا ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.
ئوتتۇرا ئېغىر ئەھۋاللاردا، پۇت قول ھىس يوقىتىش ياكى ئۇيۇشۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
مۇسكۇللار سىقىراپ ئاغرىش، ھارغىنلىق ۋەيا پالەچ ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن پۇتۇلكا تۇتالماسلىق، كۆز قاپاقنى يۇمالماسلىق، پۇتىنى ئالدىغا يۆتكەشتە قىيلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ماخاۋ كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
ماخاۋ كېسىلىنى كۆپ خىل دورىنى بىرىكمە شەكىلدە بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالايدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كۆپ خىل دورىنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى ئەسلى 3 خىل ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى (ئانتىبىئوتىك) نى بىرلەشتۈرۈپ بىمارغا بېرىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى باشلاپ بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا، بىمارنىڭ بەدىنىدىكى مىكروپلار ئۈنۈملۈك شەكىلدە ئازايتقىلى ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. غەرىپ مىدىتسىناسىدا، 3 خىل ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى ھازىر ئومۇملاشقان ۋە بىردىنبىر ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا بىمار باشقا ئۇسۇللارنى قوللانماسلىق لازىم. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى بىمارلارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.
ماخاۋ كىسلى يۇقامدۇ؟
ماخاۋ كېسىلى يېنىك دەرىجىلىك يۇقۇملۇلق كېسىلى ھىساپلىنىدۇ.
ھەريىلى بىرىنجى ئاينىڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنىنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقلىنىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
بۇ ئالاھىدە كۈن، 1954-يىلى فرانسىيە ساخاۋەتچىسى رائۇل فوللېرو Raoul Follereau تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ماخاۋ كېسىلىگە (ھازىرقى خەنسېن كېسىلى Hansen’s disease دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ۋە بۇ قەدىمى كېسەللىكنى ھازىرقى زامان داۋالاشتا ئۇنچە تەس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.