مەددە قۇرت كېسىلى ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مەددە قۇرت دىگەن نىمە؟

مەددە قۇرت كېسىلى كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۈچەي يولى پارازىت كېسىلى. ئىنگىلىزچە مېدىتسىنادا enterobiasis دەپمۇ ئاتايدۇ.ئەڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى ئۇخلاۋاتقاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىش، مەقەت ئەتراپى زىيادە قىچىشىشتۇر. يېڭى مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلاردا بۇ خىل كېسەللىك كۆپ كۆرۈلىدۇ ۋە ئاسانلا بىر بىرىگە يۇقىدۇ. بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن ئاساسلىقى پارازىت ئۆلتۈرىدىغان دورىنى ئىچىش بىلەن بىرگە شەخسي تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. كېسەللىك بولغان بىمارنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكىلىرى بىللە داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق تەلتۆكۈس ساقىيىشقا پايدىسى بولىدۇ. مەددە قۇرۇت ھايۋانلارغا يۇقمايدۇ، پەقەت ئادەم بەدىنىدە كۆپىيىدۇ، ۋە ئادەمگە يۇقۇملىنىدۇ.

 

مەددە قۇرت تەرجىمىسى:

ئۇيغۇرچە: مەددە قۇرت كېسىلى
ئىنگىلىزچە: pinworm disease
خەنزۇچە: 蛲虫病
تۈركچە: kıl kurdu hastalığı
 
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
تۈتۈ قۇرت, چۈچۈك كېسىلى
 
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
Enterobius vermicularis, threadworm
 
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
蠕形住肠线虫, 针状虫, 坐虫
 
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
bağırsak kurdu hastalığı

مەددە قۇرت، مەددە قۇرت كېسىلىنى بەزى يەرلەردە تۈتۈ قۇرت كېسىلى، چۈچۈك كېسىلى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. بۇ بىر خىل پارازىت بولۇپ، ئاق ۋەيا قايماق رەڭدە بولىدۇ. ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۈچەي يولىغا يۇقۇملىنىپ شۇ مۇھىتتا كۆپىيىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن مەددە قۇرتى 5 مىللىمېتىردىن 10 مىللىمېتىرغىچە ئەتراپدا بولىدۇ. كىچىك ئاق، ئاق سېرىق يىپتەك كۆرۈنىدۇ. 6 ھەپتىگىچە ياشىيالايدۇ. بۇ قۇرتلار تۇغقان تۇخۇمنى كۆز ئارقىلىق كۆرۈش بىر قەدەر تەس.

 

مەددە قۇرتى قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ مەددە قۇرتنىڭ تارقىلىش يوللىرى.

بۇ ئاساسلىقى ئېغىز يولى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. مەددە قۇرتىنىڭ تۇخۇملىرى بىلەن بۇلغانغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش، شۇ ھاۋانى سۈمۈرۈش ئارقىلىق بىلىپ بىلمەي يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇلغانغان قول بارماقلار بىلەن ئېغىز بۇرۇننى سۈرتۈش، بارماق شۈمۈش، قارشى تەرەپنى (بوۋاق بالىلارنى) سۆيۈش ئارقىلىقمۇ يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇ تۇخۇملار ئىنچىكە ئۈچەي يولىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىرقانچە ھەپتە ياشايدۇ ۋە پىشىپ يىتىلىدۇ. ئاندىن قۇرامىغا يەتكەن مەددە قۇرت چوڭ ئۈچەيگە بېرىپ يەرلىشىدۇ. ئەگەر بۇ ئادەمنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى بىراز ئاجىز بولسا، ئاسانلا كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا قىلىدۇ.

مەددە قۇرت تۆۋەندىكى بويۇملار ئارقىلىق يۇقۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

كارۋات ياپقۇچى
لۆڭگە
ئىچ كىيىم
ھاجەتخانا
تاماقلار
ئىستاكان
ئويۇنچۇقلار
ئاشخانا
مەكتەپ
بالىلار باغچىسىدىكى قۇم دۆۋىسى

ئادەم بەدىنىگە كىرگەن چىشى مەددە قۇرت تۇخۇملىرى ، 1-2 ئاي ئىچىدە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، كېچىلىرى مەقەت ئەتراپىغا ئۆمىلەپ چىقىپ يېڭى تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا، مەقەت ئەتراپىدا ھەددىدىن زىيادە قىچىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋاللار بولۇپمۇ كېچىلىرى، سەھەردە بەكرەك كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىمار (بولۇپمۇ كىچىك بالىلار) بىلىپ بىلمەي مەقەت قىسمىنى تاتىلىغاندا، مەددە قۇرتنىڭ تۇخۇملىرى قولغا، تىرناقنىڭ ئاستىغا چاپلىشىدۇ. ئاندىن ئەتراپتىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

 

مەددە قۇرت كىملەرگە ئاسان يۇقىدۇ؟

1. بالىلار: مەددە قۇرت كېسىلى 4-10 ياش ئارىسىدىكى بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. باشقا ياشتىكى بالىلاردىمۇ كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇ يۇقۇملانغان بالىلاردا ئەتراپتىكىلەرگە بولۇپمۇ ئاتا ئانىسىغا، يەسلى ۋەيا مەكتەپتىكىلەرگە ئاسانلا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. 2 ياشتىن كىچىك بوۋاق بالىلاردا ئاز كۆرۈلىدۇ.

2. ئادەم جىق بىر مۇھىتتا ياشايدىغانلار

3. تۇپراق يەيدىغان ئادىتى بارلار

4. پىسخىكىسىدا نۇقسان بار كىشىلەر

5. تازىلىق ئىشچىلىرى

6. بەدەن تازىلىقىغا دىققەت قىلمايدىغانلار

 

مەددە قۇرت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى

1. مەقەت ئەتراپى زىيادە قىچىشىش: كېچىسى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھەتتا ئۇيقۇدىن ئويغىتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە قىچىشىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

2. خانىم قىزلارنىڭ جىنسىي يول ئەتراپى زىيادە قىچىشىش: كېچىسى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھەتتا ئۇيقۇدىن ئويغىتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە قىچىشىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

3. كېچە چىش غۇچۇرلىتىش.

4. قورساق قىسمى، دوۋسۇن قىسمى بەزىدە ئاغرىش.

5. ھەرقانچە يىسىمۇ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگەرمەسلىك.

6. كىچىلىك ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، بىئارامچىلىق، كۈندۈزى ھارغىنلىق.

7. چوڭ تەرەتتە ئاق مەددە قۇرتىنى كۆرۈش.

8. قاشلاش سەۋەبلىك تېرە قىزىرىش ھەتتا ياللۇغلىنىش.

مەددە قۇرت كېسىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالامىتى، كېچىدە مەقەت قىچىشىش بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى چىشى مەددە قۇرۇت يېرىم كېچىدە مەقەت ئەتراپىغا ئۆمىلەپ چىقىپ، تۇخۇملاش سەۋەبلىك بولىدۇ. ئەگەر بىمار قىز بالىلار بولسا، قىز جىنسى يولى تەرەپكە تارقىلىشى ئىھتىماللىقى بولىدۇ. قاشلاش سەۋەبلىك مەقەت ئەتراپىدىكى تېرە زەخىملىنىش ۋە ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما يۇقارقى ئالامەتنىڭ ھىچ بىرى كۆرۈلمەستىنمۇ مەددە قۇرۇت يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

مەددە قۇرتىنىڭ قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار؟

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، مەددە قۇرتى كېسىلىدە جىددىي كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەمما ئاز بولغان ئەھۋاللاردا، ئايال قىزلارنىڭ جىنسىي يولىغا تارقاپ كۆپىيىش ئەزالىرىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ پارازىت قۇرت مەقەتتىن ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا، ئۇ يەردىن بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمدان ھەتتا تۇخۇمداندىن قورساق ئىچىگە تارقاش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. قەيەرگە تارقالسا شۇ يەردە ياللۇغلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت تۆۋەندىكى كېسەللىكلەر ۋە ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن:

1. سۈيدۈك يولى ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى
2. بىنورمال ئورۇقلاش.
3. قورساق ئىچى ئورگانلاردا ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇش.
4. سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى.
5. تېرە قىچىشىش.

 

مەددە قۇرت يۇقۇملىنىشتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟

مەددە قۇرۇتنىڭ تۇخۇمى ئويۇنچۇقلاردا، كارىۋات ياپقۇچلىرىدە، كىرلىكلەردە، تازىلىق ئۆيىدىكى تەرەت قۇتىسى ئۈستى يۈز قىسمىغا چاپلىشىپ ، ئىككى ھەپتىگىچە ياشىيالايدۇ. شۇڭلاشقا ، بۇ تىلغا ئالغان ئورۇنلارنى قەرەللىك تازىلاش پارازىت قۇرتنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ياكى يۇقۇملىنىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئۇسۇللار:

1. سەھەردە مەقەت قىسمىنى پاكىز يۇيۇش ياكى تازىلاش.
2. ھەركۈن ئىچ كىيىم ۋە كىرلىكنى ئالماشتۇرۇش.
3. ئىچ كىيىمنى، بەدەن لۆڭگىسىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش.
4. ھەرگىز قاشلىماسلىق.
5. بالىلارنىڭ تىرناقلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ كېسىپ تۇرۇش.
6. قولىنى دائىم يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈش.
7. بالىلارنىڭ بەدەن تازىلىقىغا، كىيىم تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش.

 

مەددە قۇرت كېسىلىنى قانداق داۋالايدۇ؟

مەددە قۇرت كېسىلى ئاسان داۋالىغىلى بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك. ئەمما قايتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. شۇڭلاشقا ئائىلىدىكى بىرسىدە كۆرۈلسە، ئامال بار پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر تەڭ داۋالىنىشى لازىم.

نورمالدا ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلى بار. بىرىنجىسى دورىلىق داۋالاش. ئىككىنجىسى 6 ھەپتىلىك تازىلىق ئېلىپ بېرىش.

دورىلىق داۋالاش: مەددە قۇرت چۈشۈرۈش دورسىنى ئىشلىتىش.

مەددە قۇرت چۈشۈرۈش دورىسى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىسمى ئوخشىمىغان پارازىت ئۆلتۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما كۆپىنچە رايون دۆلەتلەردىكى دورىخانىلاردا رىتسىپ بولمىسىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. دورىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقتارىنى دوختۇر ۋەيا دورىگەر بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.

نورمالدا Mebendazole ۋەيا Albendazole ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دورىلارنى بېرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت باشقا دورىلارمۇ بولىدۇ.

ئەگەر دورا بىلەن قۇرت چۈشۈرمەكچى بولسا، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىللە دورا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى ئائىلدە بىر كىشىدە ئالامەت كۆرۈلۈپ دورا ئىشلەتسە، باشقىلاردا ئالامەت كۆرۈلمەي دورا ئىشلەتمىگەن تەغدىردە قايتا ئۆز ئارا يۇقۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

ئەمما ئۆيدە ھامىلدار ئايال ۋەيا بالا ئەمدۈرۈۋاتقانلار بولسا، بەكرەك 6 ھەپتىلىك تازىلىق ئېلىپ بېرىش بەكرەك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى 12-13 ھەپتىسىدە ھامىلدار ئايال كۆپىنچە دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ.

 

مەددە قۇرت كېسىلىدىن شۈبھىلەنسە قايسى بۆلۈمگە بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك؟

مەزكۈر كېسەللىككە يۇقۇملانغانلىقتىن شۈبھىلەنسە ئائىلە دوختۇرى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنسە بولىدۇ.

 

مەددە قۇرۇتنى چۈشۈرۈشنىڭ يەرلىك ئۇسۇللىرى

 
كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە مەددە قۇرۇتنىڭ چۈشۈشىگە پايدا قىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى:
نۇرمەمەت دانىش (نۇر دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-02-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-02-18 / 01:25:09

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ