ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئۆسمە ۋە راكلارمەن تېخى ياش تۇرسام، راك كېسىلى بولۇپ قېلىشىم مۇمكىنمۇ؟

مەن تېخى ياش تۇرسام، راك كېسىلى بولۇپ قېلىشىم مۇمكىنمۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىز راك كېسىلى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، دائىم ئەنسىزلىك ۋە قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالىمىز.

مەن ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا، مەن ھەرخىل-ھەرياڭزا ئىشلارنى ئۇچرىتىپ باققان. بەزىلەر راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويغاندىن كېيىن بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ. دائىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆلگۈچە بىماردىن كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرىدۇ. مەن ئۇ يەردە داۋالىنشنى خالىمايدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى كۆرگەن، راك كېسىلىدىن كۆرە، ئۇلار ئايدا بىر قىلىدىغان خىمىيەلىك داۋالاش ۋە كېسەلخانىدىن بەكرەك بىزار بولغان.

ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشلار. ئىككى ئاي ئىلگىرى، جياڭشى ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا، مەن تونۇيدىغان 30 ياشلىق بالىياتقۇ بوينى راكى بىمارى كېسەلخانىدا يىغلاپ تۈگىشىپلا كەتكەن بولۇپ، نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماي، خاتا دىياگنوز قويۇلغان دەپ قاراپ، توختىماستىن: «مەن تېخى ياش تۇرسام، راك كېسىلى بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەپ تەكرارلايتتى.

مەن ئىلگىرى فوشەندىن كەلگەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى زىيارەت قىلغان، ئۇ دادىسى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، 20 نەچچە ياشلىق ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقتىنى دادىسىغا بېرىپ، ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ، دادىسىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىگىچە ھەمراھ بولغانىدى. يېقىندا، ئۆزىگىمۇ سۈت بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويدى.

ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ راك كېسىلى بىلەن باردى-كەلدى قىلىش پېشانىسىگە پۈتۈلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2013-يىلى ھوللىۋودتىكى داڭلىق ئايال چولپان ئەنجىلىنا جۇلى جەمەت ئىرسىيىتى سەۋەبىدىن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا BRCAگېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ سۈت بېزىنى ئالدۇرىۋەتكەن. 2015-يىلى يىللىق تەكشۈرۈشتە يەنە ئۆزىنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ بارلىقى بايقىلىپ، تۇخۇمدان ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدۇرىۋەتكەن.

سۇسان سونتاگ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئىلمىي ماقالىسى «كېسەللىكنىڭ ئىستىئارىسى» (疾病的隐喻)نىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بىز راك كېسىلى ئۈستىدىكى ئاشۇ ئىستىئارلارنى قوشتۇق، بىراق بۇ خىل مەدەنىيىتىمىزدىكى غايەت زور نۇقسانلارنى ئەكس ئەتتۈردى: بۇ بىزنىڭ ئۆلۈمگە بولغان غەمكىن پوزىتسىيىمىزنى، ھېسسىيات جەھەتتىكى تەشۋىشىمىزنى، ئىستېمالنى مۇۋاپىق تىزگىنلەيدىغان، تەرەققىي قىلغان سانائەت جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىشتىكى كۈچسىزلىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈردى.

سۇسان سونتاگ راك كېسىلىگە يانداشقان ھەر خىل يوشۇرۇن ئوخشىتىشنى چىقىرىپ تاشلاشنى مۇراجىئەت قىلدى: كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ۋەھىمە ھېس قىلىدىغان ھەر خىل نەرسىلەر، مەسىلەن چىرىكلىشىش، چىرىش، بۇلغىنىش، نورمالسىزلىق، ئاجىزلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك بىلەن تەڭداش.

ئىستىئارە كېسەللىك ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئېغىر يۈك. Onkos،گىرېك تىلىدا بۇ سۆز دەل «يۈك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

راك كېسىلى بەدەننىڭ يۈكى، ئۇ بەدەننىڭ ئۆسۈشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم چەكسىز ئۆسۈشى، ئۇ بەدىنىمىزنى تارتىۋالىدۇ.

شۇڭا، راك كېسىلىنىڭ ئۆزى ھاياتلىقتىكى بىر ئىستىئارە.

1. راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى

تارىخنامىلەردە، راك كېسىلى كەم ئۇچرايدۇ.

ئەڭ دەسلەپكى راك كېسەللىكى خاتىرىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2625-يىلى قەدىمكى مىسىر تىۋىپلىرى ئىمھوتېپ (Imhotep) تىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇ پادىشاھ زوسېرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ، نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى ئىلىمى بىلەن تونۇشقان. ئۇ بىر كېسەللىك مىسالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. تەسۋىرىدە: «ئۇلارنى سىلاش خۇددى بىر شارسىمان بوغچىنى سىلاشقا ئوخشايدۇ، ياكى ئۇلارنى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ئاممان مېۋىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ، سىلىغاندا ھەم قاتتىق، ھەم سوغۇق بولىدۇ» دېگەن.

قەدىمكى مىسىر دوختۇر ئىمھوتېپ
قەدىمكى مىسىر دوختۇر ئىمھوتېپ

ئەلۋەتتە، ئىمھوتېپ راك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مۈجمەل يىپ ئۇچىنى قالدۇرۇپ قويدى، بۇ باشقا بىر كېسەلمۇ بۇنىڭغا ھېچكىم ھۆكۈم قىلالمايدۇ. قىسقىسى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 2000 يىل ئىچىدە، راك كېسىلىنىڭ ئىزى يوقاپ كەتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 440-يىلىغا كەلگەندە، يۇنان تارىخشۇناسى ھېرودوت «تارىخ»تا يەنە بىر گۇمانىي راك كېسەللىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ خاتىرىلىشىچە، پارس خانىشى ئاتوسا بىر غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆكسىدە قان ئېقىۋاتقان مونەكنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان (ياللۇغلۇق سۈت بېزى راكى كۆكرەكتىكى لىمفا تۈگۈنىگە كىرىپ، قىزىرىپ ئىششىغان دەپ گۇمان قىلىنغان). بىر گىرېك قۇل ئۇنى قايىل قىلىپ، كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردۇرغان.

بۇ خانىشنىڭ بۇ ئۆسمىدىن ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، راكنىڭ ئىزى يەنە بىر قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان تاكى 19-ئەسىرگە قەدەر، راك كېسىلى يەنىلا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئىدى.

20-ئەسىردە راك كېسىلى كۆپىيىپ كەتتى. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سۇسان سونتاگنىڭ ئېيتقىنىدەك، راك كېسىلى 20-ئەسىردىكى ئازاب-ئوقۇبەت.

ئىستىئارە قاتلىمىدا، تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بىر خىل رومانتىزملىق كېسەللىك، راك كېسەللىكى بولسا بىر خىل ئوتتۇرا ھال كېسەللىك. «باي دۆلەتلەردە راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، راك كېسەللىكىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم ياغ ۋە ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەك-ئىچمەك ھەمدە سانائەت ئىقتىسادى (ئۇ بايلىق ياراتتى)دىن پەيدا بولغان زىيانلىق گازلارغا يۈكلەنگەن».

مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، راك كېسىلى ھەقىقەتەن بىر خىل مەدەنىيەت قەدىمىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان كېسەللىك بولۇپ، مەدەنىيەت جەمئىيىتىنى قاپلاپ تۇرغان كۆلەڭگىدۇر.

بىز «يۆتكىلىش» (转移) ئارقىلىق راك كېسەللىكىنى تەسۋىرلەيمىز. بۇ ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلار ئىچىگە ھۇجۇم قىلىپ ئازراق ئورۇنغا ئېرىشكەندىن كېيىنلا، بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

راك كېسەللىكى بىر خىل كېڭىيىشچان كېسەللىك بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرى كىچىككىنە يەرنىمۇ تالىشىپ، نورمال ھۈجەيرىلەر بىلەن زېمىن تالىشىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل مۇكەممەل زامانىۋى تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كېسەللىك.

19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ياۋروپا دۆلەتلىرى نوپۇسىنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى ئاران 35 ياش ئىدى، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، يۇقۇملۇق كېسەللىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، داۋالاش ئارقىدا قېلىش سەۋەبىدىن كىشىلەر ئۇنچە ئۇزۇن ياشىيالمايتتى، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا، ئالدى بىلەن باشقا كېسەللىك ياكى ئاپەت تەرىپىدىن ھاياتىدىن ئايرىلاتتى.

يۈز ياشتىن ئاشقان جانلىقلارغا نىسبەتەن، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بىر خىل مۇقەررەرلىك. بۇ ئالدىنقى زاماندىكى ئىنسانلار يۈزلىنىدىغان قىسمەت. ئەمما مەدەنىيەت بىزنىڭ ئۆمرىمىزنى ئۇزارتتى، بۈگۈنكى كۈندە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ بىر داۋالاش مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.

زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدىن تارتىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىدىيەسىگىچە بىزنى ئاستا-ئاستا خەۋپ-خەتەر گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى.

ئىلگىرى سۈت بېزى راكى ئاز ئۇچرايتتى. 20-ئەسىردىن بۇيان سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بىر تەرەپتىن، ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشىلىنىشى ئاياللارنىڭ دەسلەپكى ھەيزنى تۆت-بەش يىل ئالدىغا سۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش، ئاز تۇغۇش، ئاز بېقىشتەك تۇغۇت ئەمەلىيىتىمۇ ئومۇملاشتى. ھازىرقى زامان ئاياللىرى مەدەنىيلىكنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېببىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ، 18 ياشلىق بىر ھازىرقى زامان قىزىنىڭ ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ قوزغىتىشى بىلەن سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپەيگەن قېتىم سانى ئۇنىڭ مومىسىنىڭ ئۆمرىدىكى يىغىندىسىغا تەڭ بولۇشى مۇمكىن.

مەدەنىيەت تەرىپىدىن قوزغىتىلغان يەنە بىر تىپىك دېلو مىسالى بوغماق ئۈچەي راكى. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، بىزنىڭ تاماق رىسالىمىز كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى ئاساس قىلاتتى.

ئافرىقىدىكى نۇرغۇن جايلاردا بوغماق ئۈچەي راكى ئاز ئۇچرايدۇ، چۈنكى ئۇلار كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەرنىلا يەيدۇ، ئامېرىكا ۋە غەرب جەمئىيىتىدە بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان شىددەت بىلەن ئاشتى، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب بولسا يېمەكلىك قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدا.

بوغماق ئۈچەي راك كېسىلىنىڭ يېتىلىشىنى كۆزىتىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سورۇن. چوڭ ئۈچەي دىۋارىدىكى ھۈجەيرە قەۋىتىنىڭ ئالمىشىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ھۈجەيرە شەكىللىنىشىدىن، ئاجراپ چۈشىشىگىچە جەمئىي 2 ~ 3 كۈنلا كېتىدۇ. كۆپ ئالمىشىش نۇرغۇن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ناھايىتى قىسقا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پەرەز قىلىش قىيىن بولمىغان بىر سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئۈچەيدىكى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ، بۇ تەسىرلەر ئاساسلىقى بىزنىڭ ھەزىم قىلىدىغان ماددىلىرىمىز ۋە ئۇنىڭدىكى كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەلەردىن كېلىدۇ. تەكرار كۆپىيىشتە خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۈچەي دىۋارى قۇرۇلمىسىنىڭ يىمىرىلىشى، بىنورمال توقۇلمىلارنىڭ شەكىللىنىشى، ئىپتىدائىي راك گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

كولومبىيە داشۆسى مېدىتسىنا مەركىزىدىكى راك كېسىلى دوختۇرى سىددارىس مۇكخېرجې مۇنداق دېگەن: راك كېسىلى بىر خىل «زىيادە ئىشلەپچىقىرىش»، بىر خىل ئېتىلىش خاراكتېرلىك ئېشىپ بارىدىغان كېسەللىك، ئۇنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، 19-ئەسىردىكى دوختۇرلارمۇ بالدۇرلا راك كېسىلى بىلەن مەدەنىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ھەمدە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى ئالدىراشچىلىق ۋە تەرتىپسىزلىك بەدەندىكى پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى غىدىقلاپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ قارىغان.

ئەمما راك كېسىلى مەدەنىيەتنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى ئەمەس، ئۇنى مەدەنىيەت راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەندىن كۆرە، مەدەنىيەت راك كېسىلىنى ئاشكارىلاپ قويدى دېگەن تۈزۈك.

2. ئالۋاستى ھاياتلىقنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن

20-ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ راك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىسى تېخى بېسىقمىدى. بىز تۇرخۇننىڭ يېنىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ ئۆپكە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇزاق مۇددەت X نۇرى بىلەن ھەپىلەشكەن مەشغۇلاتچىلارنىڭ ئاسانلا ئاق قان كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز توخۇدىن بىر خىل ۋىرۇس رۇسساركوما ۋىرۇسىنى بايقىدۇق، ئۇ توخۇنىڭ نورمال ھۈجەيرىسىنى راك ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

مىكروسكوپ ئاستىدىكى رۇسساركوما ۋىرۇسى (roussarcoma virus)

خىمىيەلىك ماددا، X نۇرى، ۋىرۇس، ئۇلارنىڭ راك كېسىلى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

مولېكۇلا بىيولوگىيەسى ۋە گېن ئىلىمى پىشىپ يېتىلىشتىن بۇرۇن، بىز پەقەت بەزى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز، بەزى ۋىرۇسلار راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، تا بۈگۈنگە قەدەر، ئامما يەنىلا بىر خىل ئاددىي تونۇشتا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، ئىسپىرت، تاماكا كۈلى، ھاۋا بۇلغىنىشى ۋە تۇمان-تۈتەك، ئالاھىدە يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل تونۇشتا ھەقىقەتەن مەسىلە يوق، لېكىن راك كېسىلىنىڭ مۇرەككەپ كېلىپ چىقىش مەسىلىسىنى ئاددىيلاشتۇردى. چۈنكى، راك كېسىلى سىرتتىن كەلگەن دۈشمەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، راك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىزدەش يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملىشىپ، نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى. بەزى تاسادىپىي ئامىللار بىزگە بەزى ھەيران قالارلىق پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بەردى. 1960-يىللاردا سان فىرانسىسكودىكى خارولد ۋارمۇس ۋە مىچېل بىشوپ، رۇسساركوما ۋىرۇسىنىڭ بىر ھالقىلىق گېن src ئارقىلىق توخۇ ھۈجەيرىسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ھۈجەيرىنى توختىماي بۆلۈنۈشكە ۋە ئۆسۈشكە قوزغىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

src دەل راكنىڭ مۇغەمبەرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ بىر خىل ئاقسىلنى كودلاشتۇرۇپ، باشقا ئاقسىل زەنجىرىدىكى بىر خىل خىمىيەلىك مولېكۇلا ــ بىر خىل ئالاھىدە ئېنزىمنى باشقا ئاقسىللارغا چاپلاشتۇرىدۇ. ئالىملار ناھايىتى تېزلا بۇ خىل خىمىيەلىك مولېكۇلانىڭ خۇددى بىر ئۈزچاتقا ئوخشاش ئاقسىلنىڭ مەلۇم ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاشتۇرالايدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ خىمىيەلىك مولېكۇلىلار بىر زەنجىردە بىر بولىدۇ، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە، ئەڭ ئاخىرىدا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە شەكىللىنىپ، بىر سىگنال يولى ھاسىل قىلىنىپ، ھۈجەيرىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارغا بۆلۈنۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

بېيجىڭ داشۆسى تەبىئىي دورىلار ۋە تەقلىدىي دورىلار دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 18 يىل ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالىسىدە Src نىڭ راك پەيدا قىلىش رولىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن: Src ئەسلىدە راكنى تورمۇزلىغۇچى ئاقسىلنىڭ FHL1 سىنى راكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قولچوماقچىغا ئايلاندۇرغان.

راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلار كۆپ ئەمەس، ۋىرۇسنىڭ راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىياسىمۇ ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ. لېكىن بۇ بايقاشنىڭ ئەھمىيىتى زور. چۈنكى، ئالىملار ناھايىتى تېزلا srcدىن ئىبارەت بۇ رۇسساركوما ۋىرۇسى گېنىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغا كەڭ كۆلەمدە تارقالغانلىقىنى بايقىغان. پەقەت بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئوغرىلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسساركوما ۋىرۇسى بۇ گېننى ئۆزىنىڭ ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈپ، راك پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ تېنىدە راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر خىل گېن ــ ئىپتىدائىي راك گېنى بولىدۇ. ئۇ ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولۇپ، بەلكىم 600 مىليون يىللار ئىلگىرىلا مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن تەڭداشسىز رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئالۋاستى ھاياتلىقنىڭ ئۆز تېنىدىن كەلگەن.

ئەمما كېيىنكى بايقاشتا ئازراق ئۈمىدسىزلىك بولۇشى مۇمكىن. 1983-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە، ئىنسانلارنىڭ راك كېسىلىدىكى نۇرغۇنلىغان باشقا راك پەيدا قىلغۇچى گېنلار ناھايىتى تېزلا پەرقلەندۈرۈلدى. دېمەك، بەدىنىمىزگە راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر گۇرۇپپا مۇكەممەل گېن گۇرۇپپىسى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇلار ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنىڭ غىدىقلىشى ئاستىدا، يىل بويى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى كۈتىدۇ، نەچچە يىل ياكى نەچچە ئون يىلدا، پۇرسەتنى تۇتقان ھامان يەلكەن ئېچىپ يولغا چىقىدۇ.

بۇ ئىپتىدائىي راك گېنلىرى راك كېسەللىكىنىڭ مەنبەسى. راك باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزى ۋە زىيىنى بولماستىن، بەلكى ئۆزىدە يىلتىز تارتقان بىر خىل كېسەللىك.

«يوقال ئۆسمە» ناملىق تىياتىر سۈرىتى

ھازىر بىز راك كېسىلى مەلۇم ماددا ياكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ بەدىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى گېنلارنى قوزغىتىشىدىن ئىبارەت ئومۇمىي تونۇشقا ئىگە بولدۇق. ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئانىلىق ھورمۇنمۇ گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى قوزغىتىدىغان، ئىپتىدائىي راك گېنىنى جانلاندۇرىدىغان بىر خىل «راك پەيدا قىلغۇچى ماددا» دۇر. بۇ گېنلار ئاكتىپلاشتۇرۇلسىلا، سېپى ئۆزىدىن بىر قاباھەتلىك چۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

تارقىلىشچان كېسەللىككە ئوخشىمايدۇ، ئۆسمە ئادەم بەدىنى توقۇلمىلىرىنى بەرپا قىلىدىغان ماددىلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ ئوخشاشلا ھۈجەيرىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن كەلگەن. راك ھۈجەيرىلىرى تۇرغۇن نورمال ھۈجەيرىلەرگە ئوخشىمايدۇ. راك ھۈجەيرىلىرى بىر خىل كېڭەيمىچىلىك ھالىتىدە، ئادەم بەدىنىنىڭ تەرتىپىنى تېز سۈرئەتتە چىرىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بوشلۇقىنى ئىگىلەپ، تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى بۇزىدۇ.

تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتى ئوخشاش جەريان راك ھۈجەيرىلىرى ۋە نورمال ھۈجەيرىلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ئىپتىدائىي راك گېنى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ، ئىرسىيەتتىن قارىغاندا، ئۇ بارلىق نورمال ھۈجەيرىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئۇ ئاسانلا بىر غايەت زور ئەۋلاد ھۈجەيرە توپىنى پەيدا قىلىدۇ.

نورمال ھۈجەيرە بىلەن راك ھۈجەيرىسى ھاياتلىقنىڭ ئىككى تەرىپى.

خارولد ۋارمۇس (سولدا) ۋە مىچېل بىشوپ (ئوڭدا)

1989-يىلى ۋارمۇس بىلەن بىشوپ راك پەيدا قىلغۇچى گېننىڭ ھۈجەيرە مەنبەسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ستوكھولمدىكى زىياپەتتە ۋارمۇس ئەنگلىيەنىڭ ئېپىك داستانى «بېئوۋۇلف» (Beowulf) تىكى بىر نەچچە مىسرا شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، راك ھۈجەيرىلىرى خۇددى گرۇندال (ئەسەردىكى ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلغان غەلىتە مەخلۇق) غا ئوخشاش، نورمال ئۆز-ئۆزىنى بۇرمىلايدىغان نۇسخىدۇر، دېگەن.

3.ئۆزلۈكنىڭ بۇرمىلانغان نۇسخىسى

ھۈجەيرە چوقۇم ئۆلىدۇ، ئالىملار چاشقان تۆرەلمىسىدىن ھۈجەيرىنى يىغىپ يېتىشتۈرۈش قاچىسىغا سېلىپ، بىر نەچچە قېتىم پارچىلانغاندىن كېيىن، ھۈجەيرە توپى ئۆسۈشتىن توختىغان.

چوقۇم ئۆلۈش بارلىق ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە سىمۋولى.

تاسادىپىي ئەھۋال ئاستىدا، ئۆلۈك ھۈجەيرىلەر چەكسىز ئۆسۈش ئىقتىدارىنى قوزغىتىدۇ. مۇكېرجى ئۆزى كۆرگەن مەڭگۈ ياشايدىغان ھۈجەيرىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ھۈجەيرە قارىماققا كۆپكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مورفولوگىيەسى بىنورمال، ھۈجەيرە يادروسى كۆپۈپ يوغىنايدۇ، ستوپلازما گىرۋىكى ناھايىتى نېپىز، بۇ، ھۈجەيرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقىنى، جاھىللارچە داۋاملىق بۆلۈنۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ غوجايىنىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە 30 يىلدىن ئاشتى. غوجايىننىڭ جەسەتلىرىمۇ چىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھۈجەيرىلەر ھايات قېلىپ، يەنىلا بىر خىل جۇشقۇن، كېڭەيگەن ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.

ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان راك ھۈجەيرىلىرى

بۇ دەل راك ھۈجەيرىسى.

نورمال ھۈجەيرە، بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆزگىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىن ئويلىشىدىغان «ئاقكۆڭۈل»لەردىن. ئۇلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلمايدۇ، بەلكى ئەتراپىدىكى ھۈجەيرە توپى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. ھۈجەيرە توپى ئۇنىڭ ئورنى، يولى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۇقتۇرىدۇ. پەقەت مۇشۇ قوشنىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردا، ھۈجەيرە ئاندىن قانداق ۋاقىتتا ئۆسۈش بۇيرۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە بۆلۈنۈش تەرتىپىنى ئىجرا قىلالايدۇ.

مەسىلەن، بارمىقىڭىز زەخىملەنگەندە، قانىغان جايدا قان پىلاستىنكىلىرى يىغىلىپ، توسۇق شەكىللەندۈرۈپ قاننى توختىتىدۇ ھەمدە ئەتراپقا بىر نەچچە خىل ئۆستۈرگۈچى فاكتورنى قويۇپ بېرىدۇ؛ قوشقۇچى توقۇلمىلارغا يېقىن بولغان ھۈجەيرىلەر خەۋپكە دۇچ كەلگەندە بۇيرۇققا بىنائەن، ئالدىن يۈرەر قىسىمنى تەشكىللەپ، يارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. خىزمەت تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇلار ۋاقتىدا ئەسلىگە كېلىدۇ.

ھەرقانداق مۇرەككەپ ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى شۇنداق.

لېكىن راك ھۈجەيرىلىرى ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۈزۈل-كېسىل شەخسىيەتچىدۇر، شۇنداقلا بىر ئاسىيدۇر. ئۆسمەشۇناس روبېرت ۋېينبېرگنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، راك ھۈجەيرىلىرى توپنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ كۆپىيىش ئېھتىياجىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلار شەخسىيەتچى بولۇپ، جامائەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلمايدۇ. تېخىمۇ ئەجەللىك يېرى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. قوزغىتىلغان ئىپتىدائىي راك گېنى خۇددى ماي كىلاپانىنى قىسىۋالغان ئاپتوموبىلغا ئوخشاش ئۇدۇل ئۇرۇلىدۇ.

ۋىرۇسنىڭ ئۆپكە پىلاستىنكىسىدىكى ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى

ئەمەلىيەتتە، ئادەم بەدىنىدە ئاسىيلىقنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر يۈرۈش مۇكەممەل مېخانىزم بار.

ئالىملار بالىلار راك كېسەللىكىنىڭ «كۆرۈش تور پەردىسى ھۈجەيرە ئۆسمىسى»گە ئايلانغانلىقىنى تەتقىق قىلغاندا، راك ھۈجەيرىسىگە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ھۈجەيرە ئىچىدىكى Rb ناملىق ئىككى دانە گېن كوپىيەسىدە ئۆزگىرىش ۋە پاسسىپلىشىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ زۆرۈر شەرتى. ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بىمار بالا تۆرەلمە يېتىلىش باسقۇچىدا، بىر نۇسخىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇنىڭغا پەقەت قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، يەنە بىر نۇسخىسىمۇ يوقىتىلغاندا، راك ھۈجەيرىلىرى يول بويى يۇقىرى شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە باشلايدۇ.

ئەكسىچە، بۇ Rb گېنى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى تورمۇزلايدۇ، ھۈجەيرە راك گېنىنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاپ، بۆلۈنۈشنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى نۇسخىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، راك گېنى ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالايدۇ. شۇنداق قىلىپ، راك گېنى بىلەن ئۆسمىنى تورمۇزلىغۇچى ئاقسىل مەڭگۈ رېلاكساتسىيە ئارىلىقىدا تۇرۇپ، ئۆزئارا چەكلىشىدۇ.

راك گېنى ئۆز ۋەزىپىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا قېچىپ قۇتۇلىدىغان بىر كۈن ــ تىرىلىش ئۇچ دانىچىلىرى ئېنزىمى (复活端粒酶) بولىدۇ. ئۇچ دانچە ئېنزىمى ھاياتلىق يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەيدا بولۇپ، ئۇرۇق ھۈجەيرىسى، تۆرەلمە ھۈجەيرىسى قاتارلىقلاردا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداپ، ئىرسىيەت ئۇچۇرىنى قوغدايدۇ. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار يوقاپ كېتىدۇ.

نامەلۇم ئۇسۇل ئارقىلىق، راك ھۈجەيرىلىرى بۇ يوقىلىپ كەتكەن «جانبازلىق ئىلىمى»نىڭ مەخپىي كىتابىنى قېزىپ چىقىدۇ.

ئۇنىڭغا ئىگە بولغان ھامان، راك ھۈجەيرىلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن ئۆزىنىڭ خىروموسومىنىڭ ئىككى ئۇچىنى قايتا قۇرۇپ ۋە قوغداپ، چەكسىز بۆلۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

1972-يىلى ئاندرېۋ ۋىللى ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بىر ئۆلۈش تەرتىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقاپ، ئۇنى ئۆلگەن دەپ ئاتىغان. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرە ئۆلۈش تەرتىپىنى قوزغىتىپ، ئۆزىنى ۋەيران قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ۋىرۇسنىڭ غوجايىنىنى تارتىۋالىدۇ. DNAسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ھۈجەيرىگە نىسبەتەن ئۆلۈش بىردىنبىر تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈش جەريانى

يولدىن چىقىپ كەتكەن ھۈجەيرىلەر گۇرۇھ بولۇۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىپ، جېدەل چىقىرىپ توپىلاڭ كۆتۈرسە، ئۆلۈش تەرتىپى قوزغىتىلىدۇ، بۇ بەلكىم ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئۆلگەن ۋاقىتتا، ھۈجەيرە قورۇلىدۇ، ھۈجەيرە سىرتقى پەردىسى پولتىيىپ چىقىدۇ، خىروموسومىنىڭ DNAسى پارچىلىنىپ، يېرىلىپ، يوقاپ كېتىدۇ.

شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، راك كېسىلى يەنىلا ھۈجەيرىنىڭ ئۆلۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا پۇرسەت تېپىپ، مەڭگۈلۈك ياشاش ئىقتىدارىغا ئېرىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، راكقا ئۆزگىرىش جەريانى بەلكى ئۇزاق، ئاستا بولىدۇ، راك گېنى تەكرار توساتتىن ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆسمە گېنىنى يوقىتىپ، قاتمۇقات مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىشى كېرەك. راكنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدىن تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى راكقا ئايلانغۇچە، ئۇنىڭ كەينىدە قاتتىق، قالتىس بىر جەريان بار، ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش.

يازغۇچى نوۋالىس 1798-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر قامۇس تۈرىنى يازغان، ئۇ راك ئۆسمىسى بىلەن گانگرېنا (بۇزۇلۇپ كېتىش)نى «ئۆسۈپ يېتىلگەن پارازىتلار ـــ ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، ئۇلار كۆپىيىدۇ، ھەم ئۆزلۈكىدىن كۆپىيىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئاجرالمىلىرى ۋە ئوزۇقلۇقى بولىدۇ» دەپ تەبىر بەرگەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ سۆزدە ئالدىن كۆرەرلىك پۇرىقى بار. ئۇ راك كېسەللىكىنىڭ مۇكەممەل يېتىلىش مەنتىقىسىدىن بېشارەت بەردى: غەيرىي گېن راك كېسەللىكىنىڭ بىر قاتار ئىنكاسىنى ئىدارە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياشاش ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆسۈشنى تېزلىتىپ، يول ئېچىپ يۆتكىلىدۇ، يەنە قان تومۇرلارنى توپلاپ، ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپ، ھاياتىنى ساقلايدۇ.

راك ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇلغان، ئۆزىنىڭ گېنىنى يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدىغان گېن دەل نورمال ھۈجەيرە ھەرىكەت قىلغاندا ئېھتىياجلىق بولغان گېن. شۇڭا، بىز بۇ يەردە ئالاھىدە نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ھاياتلىقنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىراق، ئۇ نورمال ئورگانىزمغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك جانلىقلىق، ئىجادچانلىق ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇنداقلا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

 

مەنبە: ئەلكۈيى تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-29 / 08:22:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ