مېڭىگە قان چۈشۈشنى چۈشىنەمسىز؟
كۈز ۋە قىش پەسلىدە مېڭىگە قان چۈشۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ، تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك:
قان بېسىمى روشەن ئۆرلەپ كېتىش. مېڭىگە قان چۈشۈشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ قان بېسىمى روشەن ئۆرلەيدۇ، ئاسانلا كۆز قاراڭغۇلىشىپ، باش قېيىپ، بىمار تۈز تۇرالمايدۇ، مېڭە پەردىسى غىدىقلانسا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يۈز ۋە بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قېلىش. مېڭىسىگە قان چۈشكەن قىسمەن بىمارلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، بەدەننىڭ بىر تەرىپى ياكى يۈز، بىلەك ۋە بارماق ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نامسىز بارماقنىڭ ئۇيۇشۇشى روشەن بولىدۇ.
يېقىنقى مەزگىلدە بۇرنى قايتا-قايتا قاناش. يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ بۇرنى پات-پات قانىسا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن باشقا، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى مەزگىلدە بۇرنى قايتا-قايتا قانىسا، يېرىم يىل ئىچىدە مېڭىگە قان چۈشۈشى مۇمكىن، شۇڭا مەيلى بىمار بولسۇن، ياكى بىمارنىڭ يېقىنلىرى بولسۇن ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
تەلەپپۇزى ئېنىق بولماسلىق. تەلەپپۇزى ئېنىق بولماسلىق، قان بېسىمى تۇراقسىز بولۇش ياكى مېڭە ئىقتىدارىدا كاشىلا كۆرۈلۈش — مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە تۆۋەنكى بوشلۇقىغا قان چۈشۈشنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.
باش قېيىشقا قوشۇلۇپ باش ئاغرىش. باش ئاغرىقى ئادەتتە مېڭە قانىغان تەرەپتە كۆرۈلىدۇ، باش سۆڭىكى ئىچكى بېسىمى ئۆرلىگەن چاغدا، ئاغرىق پۈتۈن باشقا تارقىلىدۇ، باش قېيىش ۋە باش ئاغرىش بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ، قىسقا مەزگىللىك بىر قېتىم ياكى تەكرار ئاغرىيدۇ، ياكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
ئۇيقۇغا خۇمار بولۇپ، دائىم ئەسنەپلا يۈرۈش. مېڭىگە قان چۈشسە بىمارنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىدا تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى كۆرۈلۈپ، مېڭە ئىقتىدارى ئاسانلا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈزدە ئۇيقۇ بېسىپ ئەسنەشتەك ئالامەت كۆرۈلىدۇ. بىمار بۇ خىل چارچاشنى يېتەرلىك ئۇخلاش ئارقىلىقمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمايدۇ.
كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، كۆرۈش دائىرىسىدە قىسقا مەزگىللىك كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈش. چوڭ مېڭىدە قان ئازلاپ كەتسە، ياكى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئۇششاق قان نوكچىلىرىدىن ئېقىپ ئۆتسە، ئاسانلا ئوخشاش تەرەپ ئارتېرىيەسى ياكى كۆز ئارتېرىيەسىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بىماردا كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال «بىر قېتىملىق ئەمالىق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا بىمار تۇيۇقسىزلا نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، ياكى نەرسىلەرنى مۇكەممەل كۆرەلمەيدۇ، نەرسىلەر كۆزىگە غۇۋا ھەم سايىلىنىپ كۆرۈنىدۇ، ئادەتتە بۇ ھالەت نەچچە مىنۇت داۋاملىشىپ ئاندىن نورماللىشىدۇ.
كوئىنلون تورى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە