ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزمېنى قىزىل كىيىندۈرۈڭ

مېنى قىزىل كىيىندۈرۈڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھەم تەربىيچى ھەم ساغلاملىق يىتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان باللار بىلەن بىللە ئىشلەۋاتىمەن بۇ خىل ئالاھدە باللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مېنىڭ ھاياتىمغا بېرىلگەن بىر سوغات ئىدى ئۇلار ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى, بولۇپمۇ شۇلارنىڭ ئارىسدىكى تايلور.

تايلور تۇغۇلىشىدىنلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئىدى. ئۇ تېببي دورىلارنىڭ ياردىمىدا ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا مەيدىسىدىكى ۋىنا تومۇرىغا نەيچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نەيچە دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سومكىنىڭ ئىچىدىكى پومپىغا تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى. دورىلار مۇشۇ پومپىنىڭ ياردىمىدە تارتىپ چىقىرىلىپ، نەيچە ئارقىلىق ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا ئۆتەتتى. بەزى ۋاقىتتا، تايلور نەپەسلىنىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئوكسېگىنغا مۇھتاج بولاتتى.

جانغا زامىن كېسەللىككە دۇچار بولغىنىنى بىلگەچكىمىكىن، تايلور باللىق چاغلىرىدىكى بىر مىنوت ۋاقىتتىنمۇ ۋاز كىچىشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ دائىم دىگۈدەك ئارقا ھويلىدا دورا سومكىسىنى دۈمبىسىگە ئاسقان ۋە كىچىك ھارۋىسى بىلەن ئوكسېگىن قاچىسىنى سۆرىگەن ھالدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. تايلورنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھايات بولالىغانلىقىدىكى ساپ خۇشاللىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان كۈچ- قۇدرىتىگە ھەيران ئىدى. تايلورنىڭ ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، ئۇنىڭ بەك تېز يۈگىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تەيلورنىڭ قىزىل كېيىم كېيۋىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولغاندا دەرىزىدىن قاراپلا تەيلورنىڭ نەدىلىكىنى ئاسان كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى دەيتتى.

بۇ ئۆلگۈر كېسەل ئاخىرى تايلوردەك شوخ ئويناپ يۈرگەن كىچىك ئەزىمەتنى يىقىتىپ قويدى. ئۇ ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانىسىمۇ ئوخشاشلا ئاغرىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ساقيالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تايلورنىڭ ئانىسى تايلورغا ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاش ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن پات ئارىدا جەننەتتە ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچۇرىشىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى بەزلەيتتى.

ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، تايلور ئىشارەت قىلىپ مېنى كېسەل كارۋىتىنىڭ يېنىغا چاقىرىپ: » مەن بەلكىم پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنىڭدىن قورقمايمەن. مەن ئۆلگەندە ماڭا قىزىل كېيىم كەيدۈرۈپ قويۇڭ، بولامدۇ؟ ئانام ماڭا جەننەتكە كېلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتى. شۇڭا مەن جەننەتتە يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقاندا ئانام مېنى ئاسانلا تونىۋالسۇن» دەپ پىچىرلىدى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:10:34

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ