مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش بۇرۇن مەزى بېزى يوغىناپ قېلىش دەپ ئاتىلاتتى ، بۇ ئوتتۇرا ياشانغان كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى ، مەزى بېزىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ .

سەۋەبى:ئاساسلىقى بەدەن ئىچىدىكى ئەرلىك ھورمون ھەم ئاياللىق ھورموننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

كېسەل پەيدا بولىدىغان ئورۇن: ئاۋۋال ئارقا سۈيدۈك يولى شىللىق پەردىسى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ياپراقچە ياكى يان ياپراقچىدىكى بەز توقۇلمىلار، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ھەم سىلىق مۇسكۇل توقۇلمىلىرىدىن باشلىنىپ ، بىرىكمە توپچىسىمان مۇنەك ھاسىل بولىدۇ . بۇ خىل مۇنەكچىلەر كۆپىيىپ يوغىناپ ، سۈيدۈك يولى ياكى دوۋساققا كىرىپ ، دوۋساقنىڭ بويۇن قىسمى ھەم سۈيدۈك يولىنى بېسىۋېلىپ ، سۈيدۈك قىسىلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر كېسەللىك ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا ، بۆرەككە سۇ يىغىلىش ھەم بۆرەك رولى ئاجىزلىشىشدەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تاش پەيدا بولۇش ، يۇقۇملىنىش ، ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش|前列腺增生症|BPH

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:20:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ