دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى

كۆپىنچە بىمارلار سېزەلمەسلىكى مۇمكىن . كۆرۈلىدىغان يېنىك ئالامەتلەر:

كىچىك تەرەت قىيلىنىش ، كىچىك تەرەت ساقلاش.

كىچىك تەرەت ئاستىلاش ياكى راۋان بولماسلىق .

كىچىك تەرەت ئاغرىش

كىچىك تەرەتتە قان بولۇش .بەل ، داس بوشلۇقى ، كاسسا قىسىم ئاغرىش .

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى
مەزى بېزى، ئەرلەر جىنسىي ئورگانلىرى تۈزۈلۈشى ياندىن كۆرۈنۈشى

جىددىي خاراكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا سوغۇقتىن قورقۇش ، قىززىش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ؛ يەرلىك ئورۇندا بېسىلغان سېزىم بولۇپ ، ئۇزۇن ئولتۇرسا ياكى تەرەت قىلغاندا ئېغىرلىشىدۇ ، ھەم بەل تەرەپكە ھەم تۆۋەن دوۋساق ، پاچاق تەرەپلەرگە تارىلىدۇ . بۇنىڭدىن بىرگە كىچىك تەرەتنىڭ ئاخىرىدا قان كۆرۈنۈش ياكى يىرىڭ كۆرۈنىدۇ ؛  تۈز ئۈچەيدىكى ئالامەتلەر بولسا تۈز ئۈچەي كۆپۈش ، چوڭ تەرەت قىستاش ھەم تەرەت قىلغان سېزىم پەيدا بولۇش ، چوڭ تەرەت  قىلغاندا سۈيدۈك يولىدىن ئاق ئاجرالما سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىش قاتارلىقلار .

ئاستا خاراكتىرلىك مەزى بېزىي ياللۇغى باكتىرىيىلىك مەزى بېزى ياللۇغى ھەم مەزى بېزى كېسىلى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ . ئاستا خاراكتىرلىك باكتىرىيىلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئادەتتە جىددىي خاراكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولىدۇ ؛ مەزى بېزى كېسىلى ئادەتتە ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش ، مەزى بېزى ئاستا خاراكتىرلىك قان تولۇشتىن پەيدا بولىدۇ . جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تۇيۇقسىز توختىتىش ، جىنسىي مۇناسىۋەت ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش ، ئاستا خاراكتىرلىك قەۋزىيەت قاتارلىقلارمۇ مەزى بېزى قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-09

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:24:57

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,598FansLike
697FollowersFollow
1,850SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر