ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

مۇھەببەتلەشكەندە كۆڭلى-كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ مۇھەببەت ئىككى قەلبنىڭ بىرلىشىشى لېكىن كىشىلەر ئىككى قەلبنىڭ يېتەرلىك كەڭ-كۇشادىلىككە ئېرىشكەندىلا بىر-بىرىنى سىغدۇرۇپ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، بىر-بىرىنى ماس كېلىشىدىغانلىقىنى دائىم ئەسلىرىدىن چىقىرىپ قويىدۇ ياكى بۇنىڭغا سەل قارايدۇ

جەلبكارلىق، يېقىملىق ۋە كۆيۈنۈش-مۇھەببەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئەقەللى ئۈچ ئامىل بولۇپ، بىرى كەم بولغان تەقدىردىمۇ، مۇھەببەتنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. جەلبكارلىق كەم بولسا، «كۈن ئۆتكۈزۈش» كە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ يېقىملىق بولمىسا «ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ چوقۇنۇش»قا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ كۆيۈنۈش سەل-پەل كەم بولغان تەقدىردىمۇ «ئىشقىۋازلىق» قا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئادەم قەلبىنىڭمۇ كەڭ بولۇش، چىداملىق، غەيرەتلىك بولۇش ۋە سېزىمچان بولۇش 3 چوڭ ئامىلى بولىدۇ. بىرى كەم بولسا كەڭ-كۇشادە بولماي، مۇھەببىتى سۇس بولۇپ، باشقا بىر قەلبىنى سىغدۇرالمايدۇ.

شۇڭا، ئاۋۋال مۇھەببەتنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئالدىراپ كەتمەي، پۇرسەتنى بەك سىرلىق نەرسە دەپ ئۇھ تارتىپمۇ يۈرمەي، يەنىلا قانداق قىلىپ قەلبنى كەڭ- كۇشادە تۇتۇپ، قەلبنىڭ ئۈچ ئامىلى بىلەن مۇھەببەتنىڭ ئۈچ ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە باش قاتۇرۇش كېرەك.

قەلبنى كەڭ تۇتۇش-مۇھەببەتتىن كۈتىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۈمىد بىلەن ئەڭ تۆۋەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك بولۇپ، قانچە چوڭ بولغانسېرى بىراۋنىڭ جەلبكارلىقىنى شۇنچە ھېس قىلغىلى، بىراۋنىمۇ شۇنچە جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى تەييارلىغان

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,184FansLike
163FollowersFollow
1,500SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار