نامراتلىق ۋە ئەيدىز

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئاز-كۆپ، تېز-ئاستا بولۇشىنىڭ نامراتلىق بىلەن خېلى مۇھىم باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ چۈنكى، نامراتلىق سەۋەبىدىن قورساق بىلەن بالىلارنى بېقىش غېمىدە، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق جەھەتتە ھەم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ كېتەلىشىگە زېھنى يېتىشمەي قېلىشى مۇمكىن

نامراتلىق ۋە ئەيدىز

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئاز-كۆپ، تېز-ئاستا بولۇشىنىڭ نامراتلىق بىلەن خېلى مۇھىم باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ. چۈنكى، نامراتلىق سەۋەبىدىن قورساق بىلەن بالىلارنى بېقىش غېمىدە، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق جەھەتتە ھەم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ كېتەلىشىگە زېھنى يېتىشمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، نامراتلىق كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلغاندا يۇقىدىغانلىقىنى، قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، يۇقۇملانغاندىن كىيىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدىغان ئەھۋالغا دۇچار بولىدىغان كىشىلەر كۆپلەپ پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

نامراتلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى تار ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. نامراتلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىشى، ئۇچۇر-خەۋەر ئىگىللىشى قىيىن ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ ئەقلى-ئەخلاقى جەھەتتىن نىسبەتەن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت ئېڭىنى تۆۋەنلەشتۈرۈپ، تەپەككۇرىنى گاللاشتۇرىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشلەرنىڭ ھورۇنلىقىنى كۈچەيتىپ نادانلىقىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى تۆۋەنلىتىپ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ تەغدىرچىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ سەۋىيە-ساپاسىنى تۆۋەنلىتىپ مەدەنىيىتىنى قالاقلاشتۇرىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ خوشاللىقىنى يوقۇتۇپ بەختىنى تۈگىتىۋېتىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ روھىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ پىسخىكىسىنى ئاددىلاشتۇرىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى بىغەم، قورقۇنچاق ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ نومۇس-غۇرۇر تۇيغۇسىنى يوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى ئارزۇ-ئارمانسىز، غايىسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ، ئالغا ئىنتىلمەس قىلىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى توغرا-خاتانى، ئاق-قارىنى بىلەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ، ھەممىگە پەرۋاسىز قاراشقا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى توختىماي ئاغرىنىدىغان، ھەممىدىن قاقشايدىغان بۇزۇلغان پىسخىكىغا گىرىپتار قىلىپ، ئىتتىپاقلىشالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ، ئاكتىپلىقنى خالىمايدىغان-بىلمەيدىغان ئادەملەرگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدىغان بولغاچقا، ئۆزئارا ھەمكارلىشالمايدىغان ھەم بىر-بىرسىنى قوللىمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەندۈرۈپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ.

قىسقىسى، نامراتلىق كىشىلەرنى جەمئىيەتكە يېتىشەلمەيدىغان، جاھاننىڭ كەينىدە قالىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولغاچقا، ئۇچۇر-خەۋەر، بىلىم-ساۋاتلارغا يىتىشەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا، نامراتلىق مۇھىتىدىكى كىشىلەر پايدا-زىياننى بەك ئويلاپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىغاچقا، ئۆزلىرىنى ھەر خىل خەتەرلەردىن قانداق قوغداشنىمۇ بىلمەيدىغان ھەم شۇنداق خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ ئانچە مۇھىم ئورۇنغا قويمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى نادان ھەم مۆمىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولغاچقا، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنىمۇ خىيال قىلىشنى ئويلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنىڭ زېھنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مىجەزىنى بۇزۇپ، پاسسىپ كەيپىياتىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى باشقىلار بىلەن پېتىشالمايدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان، ئۆزلىرىنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قۇيۇپ مەسىلىنى باشقىلاردىن كۆرۈدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى ھورۇن، ئۇيقۇچان، جەمئىيەتتىن قاقشايدىغان ھالغىلا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى باشقىلارنى ياراتمايدىغان، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، نومۇس قىلمايدىغان، ساختىپەز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى جەمئىيەتتىن ھەم باشقىلاردىن پايدا-مەنپەئەت يۇلىۋالسام دەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى ھاراقكەش، تەنھا، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. نامراتلىق كىشىلەرنى چۈشكۈن، ئۈمىدسىز ھەم باشقىلاردىن پايدىلانساملا دەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
نامراتلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ساناپ بولغۇسىز بىچارە ئالاھىدىلىكلىرى بولغاچقا، ئەيدىزدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەل ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە خۇددى خۇمار بولغاندەك يۇقىدۇ. چۈنكى، نامراتلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىكى كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلىشقا كۈنۈپ قالىدۇ. ئۇلار ئەيدىزنىڭ قانداق كېسەللىكى ۋە قانداق يۇقىدىغانلىقىنى ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمايدۇ. ئەيدىزنى بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن ئەيدىزگە قارىغۇچىلارچە قورقماسلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. نامراتلىق مۇھىتىدىكى ئىدىيە ئۇلارنىڭ جېنىغا ئىچى ئاغرىش ئېڭىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەچكە، جاننى قانداق ئاسراشنى ئۆگەنمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، بىغەملىك بىلەن قورساقنىڭ غېمىدە تىپىرلاپ يۈرىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەيدىزنىڭ قانداق تارقىلىۋاتقانلىقى، قانچىلىك تارقىلىپ كەتكەنلىكى، ئەتراپىدا ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇش مۇھىتلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا دىققەت قىلىپ قۇيۇشنىمۇ ئويلىيالمايدىغان ھالدا، “جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان” دەپ جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ.

نامراتلىق ئەيدىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. چۈنكى، نامراتلىق مۇھىتىدىكى كىشىلەر ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. دېمىسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا قىينىلىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز توغرىلىق باش قاتۇرۇپ يۈرىشىدىن چوڭ ئۈمىدلەرنىمۇ كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، ئافرىقا قاتارلىق ئىقتىسادى تۆۋەن رايۇنلاردىكى نامرات كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقى، ئەيدىز بىلەن نامراتلىقنىڭ قانداق سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-28 / 08:40:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ