تۆت باسقۇچتىكى سۈيدۈك شېكىرى بىر كۈن ئىچىدىكى 24 سائەتلىك قان شېكىرىنىڭ سەۋىيەسىنى كۆرسىتىدۇ بىمارنىڭ بۆرەك شېكەر بوسۇغىسى نورمال بولۇش شەرتى ئاستىدا، كىلىنىكىدا تۆت باسقۇچلۇق سۈيدۈك شېكىرىگە ئاساسەن ئىنسۇلىن ۋە قان شېكىرىنى تۆەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ مىقدارى تەڭشىلىدۇ
بىرىنچى باسقۇچتىكى سۈيدۈك شېكىرى، ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىنكى چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇنقى بىر مەزگىل ۋاقىتتىكى سۈيدۈك شېكىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ: چۈشلۈك تاماقتىن تارتىپ كەچلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ: كەچلىك تاماقتىن باشلاپ ئۇخلىغىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ: ئۇخلىغىچە تارتىپ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. باسقۇچلۇق سۈيدۈك شېكىرى بىلەن نۇقتىلىق سۈيدۈك شېكىرى ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسى بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى كۆپ قېتىملىق سۈيدۈكنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى بولسا بىر قېتىملىق سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.