ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىنىمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ شۆلگىيى ئاقىدۇ؟

نىمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ شۆلگىيى ئاقىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەزى بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى ناھايىتى نورمال،تېنىمۇ ناھايىتى ساغلام،لېكىن دائىم شۆلگىيى ئېقىپ كىيىمىنڭ مەيدىسى ھۆل بولۇپ ئىڭەكلىرى قىزىرىپ كېتىدۇ بۇ قانداق ئىش؟

ئېغىزدىن ئاققان شۆلگەي ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرى ئىچىدىكى ئۈچ جۈپ چوڭ شۆلگەي بەزلىرى ۋە سانسىز ئۇششاق شۆلگەي بەزلىرىدىن ئاجىرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقتۇر.بۇ ئۈچ جۈپ شۆلگەي بەزلىرى قوۋۇز ئىچى ئېغىز تۆۋەندىكى قىسمى ۋە تىلنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا بولۇپ،ئايرىم – ئايرىم ھالدا گۈرەن بېزى،ئىڭەك ئاستى بېزى ۋە تىل ئاستى دەپ ئاتىلىدۇ.نورمال كىشىلەردىن سوتكىسىغا تەخمىنەن 1000 – 1500 مىللىمىتىر ئەتراپىدا شۆلگەي سۇيۇقلۇقى بۆلۈنۈپ چىقىدۇ.مۇنچىۋالا كۆپ سۇيۇقلۇقنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئختىيارسىز ھالدا يۈتىلىپ ئاشقازان – ئۈچەيگە كىرىدۇ.شۇڭلاشقا ئادەتتە ئېغىزدىن سىرتقا ئېقىپ چىقمايدۇ.

ئېغىزنىڭمۇ قۇرغانلىقى ھېس قىلىنمايدۇ.يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ شۆلگەي بەزلىرى تۇلۇق تەرەققى قىلمىغان بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئېغىزدىكى شۆلگەيلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ئاز بولىدۇ.بوۋاقلار بەش ئايغا توشقاندىن كېيىن تەدىرىجىي ھەلدا شۆلگەيلىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ.بالىلارنىڭ ئېغىزىدىن شۆلگەي ئېقىشنىڭ نورمال ئەھۋالدا تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبلىرى بولىدۇ:

(1) بوۋاقلار ئانا سۈتى ئېمىشتن تەدىرىجىي ھالدا ئادەتتكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئۆتىدۇ،يېمەكلىكنىڭ غىدىقلىشى ھەر خىل نېرۋىلار ئارقىلىق شۆلگەي بەزلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ،شۆلگەينىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى كۆپىيىدۇ.

(2) 5- 6 ئايلىق بالىغا چىش چىقىشقا باشلىغاندا ئۈچ ئاچىماق نېرۋىغا بولغان تەسىرى بىلەنمۇ شۆلگەينىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى كۆپىيىدۇ.بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولۇپ،يۇتۇش رېغلېكىسى ئارقىلىق ئېغىز شۆلگىيىنى تەڭشەپ تۇرالمايدۇ،شۇڭلاشقا شۆلگىيىى ئاسانلا سىرتقا ئېقىپ چىقىدۇ.

بالىلارنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۆلگىيى ئاقىدىغان بولسا ئادەتتە داۋالىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.بالىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ھادىسە ئاستا – ئاستا يوقلىپ كېتىدۇ.ئەگەر ئېغىز جاۋغايلىرى ۋە ئىڭىكى قىزىرىپ ياللۇغلىنىش پەيدا بولسا،ئۇنداقتا داۋالىتىش كېرەك.جۇڭيى دورىسى تىيەن نەن شىڭدىن 30 گرامنى ئېزىپ،ئاچچىقسۇ بىلەن تەڭشەپ كەچتە بالىنىڭ پۇت ئالقىنىغا (توڭچۈەن پەللىسى ) كەڭ دائىرىلىكرەك قىلىپ تېڭىپ قويۇش،ئېغىرراق بولسا ئىككلا پۇت ئالقىنىغا تېڭىش بىلەن سىرتىدىن ئوراپ قويسا بولىدۇ.

دورىنى ھەر قېتىم 12 سائەت ئەتراپىدا تېڭىپ قويسا 3 – 4 قېتىمدىلا ئۈنۈم بېرىدۇ.يۇقىرىدىكى نورمال ئەھۋالدا شۆلگەي ئېقىشتىن باشقا،بالىلارنىڭ ئاغزىغا يارا چىقسا،چىش مىلىكى بۇزۇلسىمۇ شۆلگەي بۆلۈپ چىقىرىشى كۆپىيىپ،شۆلگەي ئاقىدۇ.بەزى بالىلار چوڭ بولسىمۇ يەنىلا شۆلگىيى ئاقىدۇ.بۇ بەلكىم بالىنىڭ مېڭىسىدە مەلۇم كېسەللىك بولۇش ياكى نېرۋا سستېمىسنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.ئېغىز بوشلۇقىدا ياللۇغلىنىش بولسا ياكى ھەزىم قىلىشى ناچار،ئۈچەي يولى سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلى قاتارلىقلار بولسا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:57:34

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ