ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقنىرۋا رىفلىكىس ساغلام بولۇش

نىرۋا رىفلىكىس ساغلام بولۇش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئىنسانلارنىڭ جىنسىي پائالىيتى ۋە جىنسىي ئىقتىدارى بەدەندىكى نېرۋا سېستىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر قايسى سېستىمىلارنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدە بولغان ئۇمۇمىي فۇنكىسىيسىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

لېكىن نىرۋا رىفلىكىس سېستىمىسى يەنىلا جىنسىي ئىمپۇلىسلارنى (ھاياجانلىنىشنى)تىزگىنلەيدىغان مۇھىم سېستىما بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ئىنسانلارنىڭ جىنسىي فىزىئولوگىيلىك پائالىيتىنى تىزگىنلەيدىغان نىرۋىلار چوڭ مېڭە پوستىلىقى،ئارىلىق مېڭە(مېڭە غولى ئالدىنقى ئۇچنىڭ بىر قىسمى)تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە جىنسىي تىزگىنلەش مەركىزى ۋە ئۇمۇرتقا بۇلۇڭ ئىچىدىكى جىنسىي پائالىيەتنى تىزگىنلەش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چوڭ مېڭە پوستىلىقى جىنسىي پائالىيەتلەرگە قوماندانلىق قىلىدۇ. ئارىلىق مېڭە بىلەن تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە جىنسىي ئىمۇلىسلارنى (ھاياجانلىنىشنى)يۇقىرىغا يەتكۇزۇش ۋە بۇيرۇقنى تۆۋەنگە يەتكۇزۇش (توشۇش)رولىنى ئوينايدۇ. ئۇمۇرتقا يۇلۇن ئىچىدىكى جىنسىي تىزگىنلەش سېستىمىسى جىنسىي ئەزالارنىڭ جىنسىي ئىمپۇلىس(جىنسىي قوزغىتىش ھاياجانلىنىش)قا بولغان ئىنكاسىنى باسقۇرۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىنىڭ تاماملىنىشىنى ئۇرۇندىلىنىشىنى باشقۇرۇش،تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ.

يەنى ئەرلەردە يۇلۇن ئىچىدىكى تىزگىنلەش مەركىزى قوزغالسا (غىدىقلانسا)زەكەر قوپىدۇ ھەمدە مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. ئاياللاردا يۇلۇن ئىچىدىكى تىزگىنلەش مەركىزى قوزغالسا(غىدىقلانسا)، ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىدا بىر قاتار جىنسىي قوزغىلىشلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بەدەن (بەدەننىڭ سۇركىلىش، قۇچاقلىشش)ياكى روھىي جەھەتلەردىكى جىنسىي غىدىق(جىنسى تەسىر)ئادەم چوڭ مېڭە پوستىلىقىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارزۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل جىنسىي ئىمپۇلىس ئارىلىق مېڭە بىلەن تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىگە يەتكۇزىلىدۇ. ئۇلار ئۇمۇرىتقا بۇلۇڭ نىرۋىلىرى ئارقىلىق تاشقى جىنسىي ئەزالارنىڭ قوزغىلىشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ.

ئەگەر بۇ ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىلسا ، جىنسىي پائالىيەتنىڭ تەسىرى مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ خىل تەسىر غىدىق ئۇزلۇكسىز كۇچەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقانسىرى ئارىلىق مېڭە، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ۋە يۇلۇن نىرۋا رىفلىكىسى ئارقىلىق ئەرلەردە مەنى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاياللار جىنسىي يول ئىچىگە ئېتىلىپ چىقىشىغا،ئاياللاردا جىنسىي ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.

ئەگەر جىنسىي ئىمپۇلىس ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ بۇ ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇش مۇۋاپىق ئەمەس ياكى ۋاقتى ئەمەس دېگەن چۇشەنچە پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇ ئارىلىق مېڭە، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ۋە يۇلۇن نېرۋىلىرى ئارقىلىق جىنسىي ئىمپۇلىس قوزغىلىش تىزگىنلىنىدۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇزۇلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-19 / 07:13:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ