نۇر دوختۇر سوئال جاۋاب سەھىپىسى

نۇر دوختۇر سوئال جاۋاب سەھىپىسى

14 سۆز

    • ئەگەر 1-تىپلىق دىئابېت بولسا، سىزدىمۇ كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى يۇقىرى.

      ئەگەر 2-تىپلىق دىئابېت بولسا، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى، چېنىقىش ئارقىلىق سىزدە كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    • 1. يولدىشىڭىز، سىز قانچە ياش؟
      2. بالاڭلار بارمۇ؟ بۇرۇن بالا چۈشۈپ كېتىپ باققانمۇ؟
      3. سىزدە بىرەر كېسەللىك بارمۇ؟
      4. يولدىشىڭىزدا بىرەر كېسەللىك بارمۇ؟ ھاراق تاماكا ئادىتى بارمۇ؟

      دوختۇرخانىدا، سىزنىڭ تۇخۇمداننىڭ ئەھۋالى، تۇخۇملىنىش ئەھۋالى، تۇخۇمدان نەيچىسىنىڭ ئوچۇق بولۇش بولماسلىقى، بالىياتقۇنىڭ ئەھۋاللىرى، قاندىكى ھورمون، ۋىتامىنلار، قانسىزلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ.

      ئەگەر ئۇلاردا مەسىلە بولمىسا،

      يولدىشىڭىزنى سۈيدۈك كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ياكى ئەرلەر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە، ئىسپىرما ھاياتى كۈچى، سانى.. قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ.

      ھەم يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن بىرقانچە سوئاللارنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ ئويلىشىپ جاۋاپ چىقىرىدۇ.

        • يەنە روھىي بېسىم، ھارغىنلىقمۇ بالا ئېلىشقا تەسىر قىلىدۇ.

          ھاراق بىلەن تاماكا، ھاراق ئاساسلىق تەسىر قىلىدۇ، تاماكا ئىككىنجى ئورۇندا تەسىر قىلىدۇ. ئاساسلىقى ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچىگە تەسىر قىلىدۇ.

          شۇڭا، ئەگەر بالا ئېلىش پىلانى بولسا، تاماكىنى چوقۇم ئازايتىش كېرەك.

          باشقىلار تاماكا چەكسىمۇ بالىسى بولىدىكەن دەپ ئويلايدۇ بەزىلەر. ئەمما ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ باققان ياخشى.

          ئوڭۇشۇق ھالدا ساغلام ئوماق پەرزەنت ئېلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

    • دىئابېت كېسىلىنى ئوپىراتسىيە بىلەن تۈپتىن ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس.

      بۇلارنىڭ دىمەكچى بولغان ئوپىراتسىيە ئەسلى، ئاشقازاننى كىچىكلىتىش، ئاشقازان ئۈچەي يولىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بىمارنىڭ ئىشتاھىنى ئازايتىش، ئورۇقلىتىش، بەدەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان ئىھتىياجىنى ئازايتىش… لارنى مەقسەت قىلغان ئوپىراتسىيەلەر.

      دىئابېت كېسىلى ئوپىراتسىيەسى دەپ ئىسىم قويغىنى بىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزىغا چېقىلمايدۇ. پەقەت يۇقارقى ئورۇنلارنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ۋاستىلىق ھالدا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىش يۈكىنى ئازايتماقچى.

  1. مانا ئەمدى بىلوگنىڭ سۈرئىتى شۇنداق ياخشى تېزلىشىپتۇ .
    قىستۇرما ئىشلەتتىڭىزمۇ ياكى ئىشلەتمىدىڭىزمۇ ئۇنى بىلمىدىم . بىراق ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا خېلى ئوبدانلا تېزلىشىپتۇ .😁😁😁😁

  2. نەگە كەتتىكىن دېسەم تورنام ئالماشتۇرۇپسىزدە ………..
    مۇبارەك بولسۇن …. بەتنىڭ قۇرۇلمىسى ياخشىكەن … چىرايلىق چىقىپتۇ … بۇ ۋوردپرەس مەزمۇن باشقۇرۇشقا ياخشى ھە….
    ( PHPBB ) مۇنبەرنىڭ ukij tuz tom خەت نۇسقىسى EOT نى تونۇماپتۇ …. CSS نى قايتا تەڭشەك …

    • ياخشىمۇسىز، ھەئە.

      كۆپتىن كۆپ رەھمەت. خىزمەت تۈپەيلىدىن زىھنىمىزنى، ۋاقىتنى ئاجرىتىپ بولالمىدۇق.

      ئەمما توختىماي ماڭدۇرۇپ قويايلى دىگەن مەقسەتتە قايتا ئاچتۇق

      قوللىغىنىڭىزغا، تەكلىپ پىكىرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

      توختاپ قالمايلى، داۋاملىق مىدىرلاپ تۇرايلى.

      ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈپ خوش بولدۇم! رەھمەت!

      سالامەت بولۇڭ!

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز. بۇ سوئال بەكلا كەڭ دائىرىلىك بىر سوئال بولۇپ قاپتۇ.
      بوي ئىگىزلىكىڭىز، كەسپىڭىز، بۇلارنىمۇ بىلىپ باقساق ياخشى بولىدۇ.

      قورساقنىڭ قايسى قىسمى ئاغرىيدۇ؟

      ئىچى سۈرۈش بولامدۇ؟

      بۇلارنىمۇ بىلسەك ياخشى بولىدۇ.

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here