O- قان
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئو نېگاتېۋ قان تىپى, O نېگاتىف قان, ئو مەنپىي قان,O مەنپى قان
ئو نېگاتىۋ قان گۇرۇپپا
ئو نېگاتىۋ قان گۇرۇپپىسى
ئو نېگاتىۋ قان گۇرۇپ
O- blood
باشقا ئىنگىلىزچە ئاتىلىشلىرى:
O negative blood type, O negative blood group, O- blood group, O Rh- blood type
O阴性血型
باشقا خەنزۇچە ئاتىلىشلىرى:
O-血, O- 型血, O-血型, O Rh-血型,
O negatif kan grubu
باشقا تۈركچە ئاتىلىشلىرى:
O- kan, O Rh- kan grubu
—————————————————
بەزىدە ئو نېگاتىۋ قان تىپى دەپمۇ ئاتايدۇ.
پوزىتىۋ سۆزى مۇسبەت مەنىسىدە بولۇپ، مېدىتسىنادا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا – بەلگىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ تببىي مەنىسى : يوق، ئىچىدە يوق، مەۋجۇد ئەمەس، يوقكەن، بولماپتۇ … قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ئو مەنپىي قان تىپى: بۇ تۈردىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى يۈزىدە ئا ئانتىگېن، ب ئانتىگېن يوق، بۇنىڭدىن سىرت ھەم Rh ئانتىگېن ئاقسىلمۇ يوق. شۇڭا مەنپىي – بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھىچبىرى بولمىغاچقا، بۇ ئو مەنپىي قان تىپىدىكى كىشىلەردىن قاننى ئېلىپ، ھەرقانداق بىر كىشىگە بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ قان تىپىدىكى كىشىنى «ئۇنىۋېرسال قان، ھەممىگە قابىل قان، ھەممىگە قادىر قان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ABO ئاقسىللىرى ۋە Rh ئاقسىلى ناھايىتى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى سىرتقى يۈزىدە بولغاچقا، كۆپىنچە دوختۇرخانىلاردا، بۇ ئىككى خىل قان تىپى سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ قوللىنىدۇ. يەنى توپلام 8 تۈرلۈك قان تىپى شەكىللىنىدۇ. ئو مەنپىي قان تىپى قان تىپى مۇشۇ قان تىپلىرىنىڭ بىرى. تەپسىلاتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ. سىزنىڭ قان تىپىڭىزمۇ مۇشۇ قان تىپلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى
قان تىپىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمونلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ.