ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش ۋە تەبىئىي تۇغۇش

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش ۋە تەبىئىي تۇغۇش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نېمە ئۈچۈن ھازىرقى كىشىلەر تەبىئىيلىكتىن يىراق بوشۇنۇش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ؟ كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش ئۇسۇلىنى تاللىشىغا جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئامىللىرى تۈرتكە بولغان، بۇنىڭدا تۇغقۇچى

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش ۋە تەبىئىي تۇغۇش

ھامىلىدار ئايالدا قورقۇش كېسىلى بولسا، ئۇ ئاغرىشتىن قورقۇپ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان تولغاق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىشنى خالىمايدۇ؛ بەزى ھامىلىدار ئاياللار بەدەن شەكلىگە تەسىر يېتىشتىن قورقىدۇ؛ بەزىلىرى ھامىلە تۇغۇت يولىدىن ئۆتكەندە قىسىلىشقا ئۇچرىمىسا، بالا ئەقىللىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئالايىتەن ‹‹خەيرلىك كۈن›› تاللاپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى ھامىلىدار ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشىنىشنى تەلەپ قىلسا، دۇختۇر – سېسترالارمۇ رەت قىلمايدۇ. شۇڭا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشىنىش بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ نۇقسانلىرى

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ ئانىغا پايدىسىز تەرەپلىرى:

1. قان كۆپ كېتىش ۋە ناركوز خەۋپى: كلىنىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشانغاندا ھامىلىدار ئايالدىن چىقىدىغان قان نورمال تۇغۇتنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ستاتىستىكلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشانغان ئايالنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى نورمال بوشانغان ئاياللارغا قارىغاندا يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۆلۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، ناركوز قىلغاندا تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈش، قانسىراش ۋە ئېمبولىيە خاراكتېرلىك كېسەللەر ئىكەن.

2. يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ .

3. ئانىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشتىن پەيدا بولغان ئەگەشمە كېسەللەر ئانىغا ئۆمۈر بويى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش سۈنئىي زەخىملەندۈرۈش بولغاچقا، ئۇ مۇقەررەر ھالدا بەزى ئەگەشمە كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.

4. تۇغقان ئايالنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. تۇغقاندىن كېيىن، ئانىنىڭ نورمال يېمەكلىككە كىرىشىشى كېچىكىدۇ، يەنە سۈت ئاجرىتىشنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا سۈتى يېتىشمەسلىككە سەۋەب بولىدۇ.

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ بالىغا بولىدىغان تەسىرى :

1. بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا پايدىسىز. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن، يەل كەلگىچە تاماق يېگىلى بولمىغاچقا، بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ ئانا بەدىنىدىن ئەمدىلا ئايرىلغان بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە پايدىسىز.

2. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بالا توغۇت يولىدىكى قىسىشنى بېشىدىن كەچۈرمىگەچكە، ئۆپكىسىنىڭ يېتىلىشى نورمال توغۇلغانلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ.

يەنە، نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك يۈرەكلىك بولالماسلىقى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلىدە مەسىلە بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. يەنى بوۋاقلار ئۇنىۋېرسال كېسىلى شەكىللىنىشى مۇمكىن، بۇ ئاساسلىقى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىرى، مەسىلەن: تۇنجۇقۇش، ئۆپكە ھۆللىكى، باش سۈيىنى سۈمۈرۈۋېلىش، ئۆپكە ئېچىلماسلىق ۋە ئۆپكە سۈزۈك پەردە كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نورمال تۇغۇشنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى

نورمال تۇغۇش ھامىلىدارنىڭ نورمال بوشىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ھامىلە تۇغۇت يولىنىڭ قىسىشىغا ئۇچراپ، بىر خىل سېزىمچانلىق كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ يېڭى توغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، ھامىلە ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى دەل تېگىش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى، تېتىش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي بوشانغان ئاياللار ئانا بولۇش خۇشاللىقىنى تېخىمۇ كۆپرەك ھېس قىلىدۇ. تەبىئىي توغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى بىر قانچە سائەتلىك تولغاق جەريانىدا، ھامىلىنىڭ ئۆپكىسى چېنىقىدۇ. تۇغۇلۇش جەريانىدا، ھامىلىنىڭ نەپەس يولىدىكى باش سۈيى ۋە شىلىمشىق نەرسىلەر چىقىرىۋېتىلىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەگەشمە كېسەللىرىنىڭ يۈز بېرىشى ئازىيىدۇ. ئەلۋەتتە، تەبىئىي تۇغۇشنىڭمۇ بەلگىلىك نۇقسانلىرى بولىدۇ. مەسىلەن: چات ئارىلىقى زەخىملىنىشى مۇمكىن، توغۇشتا تولغاق تۇتىدۇ، يەنە جىنسىي يولى بوشىشىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

يەنە بىر جەھەتتىن، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ پەقەتلا پايدىسى يوقمۇ ئەمەس، چۈنكى، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇش پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا ئانا – بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان تېخنىكىلىق ۋاسىتە. ئۇ قىيىن تۇغۇتتا ياكى بوۋاقنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا توغرا كەلگەندە، تېخىمۇ لازىم بولىدۇ.

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى , مەكىت دولانلىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-21 / 09:10:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ