ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەتلىك بىر قانچە رېتسىپلار

ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەتلىك بىر قانچە رېتسىپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سەۋەبى:

بۇ كېسەللىك، كۆكرەككە سوغۇق ئۆتۈش ۋە ئۆپكە كۆۋۈكچىلىرى سىرغىپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

جىددىي ھالدا توڭۇپ تىترەش، قىزىتىش، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۆتىلىپ دات رەڭلىك بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1 – رېتسېپ

تەركىبى: بىنەپشە 100 گرام، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، ئەنگۈرشىپا، ھەمىشىباھار 25 گرامدىن، گاۋزىبان، چىلان، سەرپىستان، بېھى ئۇرۇقى، قارا سۇنا ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گرامدىن، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 120 گرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈلقەنت بىلەن تەرەنجىبىننى ئايرىم قاچىغا، قالغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم قاچىغا ئېلىپ سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈستىگە ئالتە چىنە سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، بىنەپشىنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن 100 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2 – رېتسېپ

تەركىبى:
زۇپا، شۇمشا سەككىزگرامدىن، پىرسىياۋشان، بەدىيان يىلىتىزى پوستى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 12 گرامدىن، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم 16 گرام ، رۇببىسۇس سەككىزگرام ، چىڭسەي ئۇرۇقى ، ئارپىبەدىيان ، بىخ كەبىر 20 گرامدىن، ئەنجۈر قېقى 15 تال، شېكەر 500 گرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى چىلاشقۇدەك سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر بىلەن قاينىتىپ قىيام تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).

3 – رېتسېپ

تەركىبى:
زىغىر 90 گرام، قەدمانە 30 گرام، ھەسەل مەلۇم مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:11:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ