ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىئۆسمۈرلەرنىڭ سۈت چىشىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تارتىۋىتىش كۆرسەتمىسى

ئۆسمۈرلەرنىڭ سۈت چىشىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تارتىۋىتىش كۆرسەتمىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ساغلام ۋە ئورنى نورمال سۈت چىش چايناش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۆسمۈرلەنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆتۈرىدۇ

سۈت چىشى|乳牙

چايناش كۈچى چىش يىلتىزى ئارقىلىق جاغ سۆڭەككە ئۆتۈپ ، جاغ سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . يەنى تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال بىخلىنىشىنى ئىلگىرلىتىپ ، غەيرى چىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، سۈت چىش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىدە مۇيىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

چىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۆسمۈرلەر دائىم دوختۇرغا ھەمكارلاشمىغانلىقتىن ھەمدە ئائىلە باشلىقلىرىدا سۈت چىش تۇراقلىق چىشقا ئالمىشىدۇ ، دىگەن خاتا قاراش بولغانلىقتىن ، سۈت چىشنى داۋالاشقا سەل قاراپ ، سۈت چىش كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ . سۈت چىش بالدۇر چۈشۈپ كەتسە ، ئۇنىڭغا قوشنا چىشلار كاۋاكقا قاراپ سىلجىغانلىقتىن ، تۇراقلىق چىش بىخلانغاندا ئورۇن يىتىشمەي ، يۆتكىلىپ بىخلىنىدۇ ، سۈت چىش تولۇق بولمىسا ، چايناش ئىقتىدارىنىڭ غىدىقلىشى كەمچىل بولغانلىقتىن ، جاغ سۆڭەك تولۇق يېتىلمەيدۇ .يەنە تېخى غەيرى چىش شەكىللىنىشىمۇ مۇمكىن .

قوزۇق سۈت چىش ۋە ئىككىنچى ئېزىق سۈت چىش ، چىش يايىنىڭ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ تىزىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىق بولۇپ ، ئۇلارنى چىش ئالمىشىش مەزگىلىگىچە ساقلاشقا تىرىشىش كېرەك . ناۋادا ئىككىنچى ئېزىق سۈت چىش بەك بالدۇر چۈشۈپ كەتسە بوشلۇقنى ساقلىغۇچى ئەسۋاپ ئورنىتىش كېرەك.

ئادەتتە ئۇدۇل سۈت چىش ۋە بىرىنچى ئېزىق سۈت چىش بالدۇر چۈشۈپ كەتسە ھىچ ۋەقەسى يوق .سۈت چىشنىڭ ئالمىشىش مەزگىلىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئادەتتە تۇراقلىق چىش بىخلىنىدىغان ئوتتۇرچە ياش ئاساس قىلىنىدۇ . بىر تەرەپتىن بالىنىڭ تولۇق يېشىغا ئاساسلىنىش يەنە بىر تەرەپتىن بىخلىنىپ بولغان تۇراقلىق چىشنىڭ ئەھۋالىغا قاراش ھەمدە چىشنىڭ ئالمىشىش تەرتىپىنىڭ نورمال ياكى ئەمەلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.يان تۇراقلىق چىشنىڭ بىخلانغا – بىخلانمىغانلىقىغا ۋە سۈت چىشنىڭ بالدۇر چۈشۈپ كىتىشىدىن تۇراقلىق چىشنىڭ بالدۇر بىخلىنىش ئەھۋالى بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك .

ئومۇمەن تۇراقلىق چىشنىڭ بىخلىنىش ئوتتۇرچە يېشى ۋە قېتىم سانىنى پىششىق بىلىشنىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ سۈت چىشىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىگەللەشتە مۇيىم ئەھمىيىتى بار .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:57:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ