ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى بىلەمسىز؟

ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى بىلەمسىز؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۈندىلىك تۇرمۇشتا گىرىم بويۇملىرىدىن ئايرىلالمايمىز ، لېكىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى بىلەمسىز؟

ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى بىلەمسىز؟

ساغلام تېرىدىكىلەر: قانداق ماركىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇنتىزىم بىر خىل ماركىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئادەتتە مايلىق تېرىلىكلەر ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق ماينى، يەنى ئاپتاپتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقىنى، تېرىسى قۇرغاقلار ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش يىلىمسىمان مېيىنى سۈرسە بولىدۇ.

ئەسۋە ياكى دانىخورەك چىقىدىغانلار: بۇنداقلارنىڭمۇ تېرىسى ساغلام ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردا قىزغۇچ ئەسۋە ۋە دانىخورەك پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى — كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مەلھىمى تەركىبىدىكى خىمىيىلىك تەركىبلەرنىڭ تېرىگە سىڭىپ كىرىشى، بولۇپمۇ سۇغا چىداملىق پەردىنىڭ تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالغانلىقىدا. بۇنداق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى سۈتسىمان ماينى تاللاش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، تېرىنى تېخىمۇ ياخشى نەپەسلەندۈرۈپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

تېرىسى قىچىشىدىغانلار: بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ مۈڭگۈز ماددا قاتلىمى بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا، ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇلار ئەڭ ياخشىسى زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى ئىقتىدارغا ئىگە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى ئىشلەتسە مۇۋاپىق.

تېرىسى قۇرغاقلار: بۇ خىل كىشىلەر سۇيۇق سىلىقلاشتۇرۇش تىپىدىكى ئاپتاپتىن ساقلىنىش سۈتسىمان مېيىنى تاللىشى كېرەك. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن سىلىقلاش مەلھىمىنى سۈرۈشى، كەچتە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، سۈتسىمان ماينى سۈرۈشى كېرەك.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:44:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ