دوختۇردىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى بىرقانچە سوئاللارغا تەييارلىقىڭىز بولسۇن. دوختۇر تېۋىپلەر سىز ياكى بىمارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلسە، سىزگە ئەتراپلىق مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قالسىڭىز، بۇلارغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.
دوختۇرلار بىماردىن نىمىلەرنى سورايدۇ؟
- بىمار قانچە ياش؟ جىنسى نىمە؟ ئېغىرلىقى، ئىگىزلىكى قانچە، كەسپىڭىز نىمە؟ (بەزى كېسەللىكلەر بەدەن ئەھۋالىغا، كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك)
- بىماردىكى ئالامەت نىمە؟ قانچىلىك ۋاقىتتىنىڭ ياقى بار ئىدى؟(كونكرىتراق ۋاقىت لازىم، مەسىلەن 5 ئاي، 3 كۈن، 2 سائەت دىگەندەك، ھەرگىزمۇ ئۇزۇندىن بېرى، يېقىننىڭ ياقى دىگەندەك مۈجمەل ۋاقىتنى دىمەڭ. چۈنكى ئۇزۇننىڭ ياقى بەلكىم 10 يىل، 15 يىل بولۇشى مۇمكىن، بۇنى دوختۇر بىلەلمەيدۇ)
- بۇرۇن بۇ ئالامەتلەر بارمىتى؟ ياكى يېڭى بولدىمۇ؟ قانداق ۋاقىتتا ياكى قايسى خىل ئەھۋالدا ئېغىرلايدۇ ياكى يېنىكلەيدۇ؟
- بۇ ئالامەتلەر ئۈچۈن داۋالىنىش ياكى دورا ئىشلىتىپ باقتىڭلارمۇ؟ تەكشۈرۈش قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ھەم ئىشلەتكەن دورىلىرىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟ (بۇ ناھايىتى مۇھىم)
- بىمارنىڭ باشقا كېسەللىكى بارمۇ؟
- ئەگەر بىمار ياش، ئوتتۇرا ياش ئايال بولسا تۇغقانمۇ؟ ھامىلدارمۇ؟
- بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسىدا، چوڭلىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلىرى ياكى كىسەللىكلىرى بارمۇ؟
- باشقا قوشۇپ قويىدىغان نوقتىلار بارمۇ؟
يۇقارقى سوئاللارمۇ تەسمۇ ئەمەس. ئەمما دەل مۇشۇ تەس بولمىغان سوئاللار سىزنى تەكشۈرگەن دوختۇرلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، دوختۇرخانىغا بارغىنىڭىزدا، بۇرۇن تەكشۈرگەن نەتىجىلىرىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۆيدىمۇ ئۆزىڭىزگە ئايرىم ساغلاملىق ئارخىبى تۇرغۇزۇپ، ئېلىپ مېڭىشقا ئەپلىك بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
ئەگەر بۇرۇن ئىشلەتكەن دورىلىرىڭىز بولسا، قۇتىسىنى، ياكى ئىسىم تىزىملىكىنى ئېلىۋالسىڭىز ياخشى بولىدۇ.
سالامەت بولۇڭ.
بۇ ماقالىمىزدە دوختۇرلار بىمارلاردىن كۆپ سورايدىغان سوئاللىرىنى رەتلەپ چىقتۇق. تورداشلارغا پايدىسى تىگىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
دوختۇر سوئالى
دوختۇرلارنىڭ سوئاللىرى
دوختۇرلار نىمىلەرنى بىلگىسى كىلىدۇ