ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار ساغلاملىقىپېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ياش ھالەتنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ياش ھالەتنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ياش ھالەتنى قانداق ساقلاش كېرەك؟ تۇرمۇشقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيە، كۆپ خىل قىزىقىش ياشانغانلارنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرىدۇ. «ئامېرىكا ئاخبارات ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى»دە يەكۈنلەنگەن بىر قىسىم ھېكايىلەر تەپەككۇرنى ناھايىتى قوزغىتىدۇ.

بىرىنچى، دىققەتنى مۇھىتقا قارىتىش. 78 ياشلىق بەتسىي لۇت نيۇ يوركتىن بولۇپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدۇ. ئۇ مەخسۇس بىر پارچە تەبىئىي ياۋايى ھايۋاناتلار قونالغۇسى بەرپا قىلدى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تۈرلەرگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلدى. ئۇ يەنە كېپىنەك، يالپۇز ۋە قىممەتلىك ئاز ئۇچرايدىغان چاتقاللار ئۈچۈن بىر سىرلىق ئوردا گۈللۈكى لايىھەلىدى.

ئىككىنچى، ۋېلىسىپىت مىنىشتىن ھۇزۇرلىنىش. 84 ياشلىق جېك لاۋدېر ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆزگەرتىلگەن بىر رېلىسنى بويلاپ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە دائىم دالىدا ۋېلىسىپىت مىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولۇپ كەتكەندە، ئۇ ئۆي ئىچىدە سېزىمچان ۋېلىسىپىت مىنىدۇ.

ئۈچىنچى، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. 86 ياشلىق بوننى زېلىنسكى ئىككى يىل بۇرۇن يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا تېيىلىش زەنجىرى ھەرىكىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن توختىيالمىدى. بۇلتۇر، ئۇ يەنە ئىككى كىشىلىك پاراشوت بىلەن سەكرەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەش يىل ئىلگىرى ئۇ يازغان بىر ئارزۇ تىزىملىكىدىكى ئىشلار بولۇپ، ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ.

تۆتىنچى، ساياھەت قىلىپ كىتاب چىقىرىش. 69 ياشلىق ئاننى گاددىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخىي خارابىلىك ۋە دۆلەت باغچىسىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىققا تولغان بىر خىل ئۇسۇل. ئۇ ۋە ئېرى يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرنى خاتىرىلەپ، كىتاب چىقىرىشنى پىلانلىدى.

بەشىنچى، قەغەز قاتلاش. 92 ياشلىق بوببى ناخمان بوش ۋاقىت تاپسىلا ھەر خىل قەغەز تۇرنىلارنى قاتلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە دوستلىرىغا خاسلىققا ئىگە تەبرىك كارتىسى لايىھەلەپ بېرىدۇ.

ئالتىنچى، ئەرمەك ھايۋان بېقىش. قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ بىرى بولغان 73 ياشلىق بېرنادەت داۋىيدوك بىر قىسىم سەرگەردان ئىت، مۈشۈكلەرنى بېقىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن چوڭقۇر ھېسسىيات ئورناتتى، ئۇ قەرەللىك ھالدا ئەرمەكلىرىنىڭ تۈكلىرىنى تاراپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈپ، ھۆسن تۈزىتىدۇ ۋە ۋاكسىنا ئۇرغۇزىدۇ.

مەنبە: كوئىنلون تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-02-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-02-09 / 06:48:45

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ