ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىپەرزەنتىڭىزنىڭ كىتاب – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشىنى قوللاڭ

پەرزەنتىڭىزنىڭ كىتاب – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشىنى قوللاڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

نۆۋەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەزمۇن ۋە ژانىر جەھەتتىن ئىنتايىن ماس كېلىدىغان كىتابلار، ژۇرناللار نەشر قىلىنماقتا پەرزەنتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن جايلاردىكى كىتابخانىلاردىن ئۆزىگە كېرەكلىك كىتاب – ژۇرناللارنى سېتىۋالسىمۇ، مەكتەپ ئارقىلىق مۇشتەرى بولسىمۇ بولىدۇ

پەرزەنتىڭىزنىڭ كىتاب – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشىنى قوللاڭ

ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى ۋە تۈرىنى تاللاپ، ئۆزىنى نامايان قىلىش، تەسىر كۆرسىتىشكە قىزىقىدۇ. دېمەك، پەرزەنتلىرىمىز ئۆزى قىزىقىدىغان كىتابلارغا شەخسىي ياكى مەكتەپ ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ تەرەپتىكى بىلىمىنى كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.

ئەگەر پەرزەنتىمىز مەلۇم مەزمۇندىكى ئوقۇشلۇققا مەكتەپ ئارقىلىق مۇشتەرى بولسا، شۇ كىتابنى تولۇق ئوقۇشقا، مەزمۇنىنى تېزرەك ئىگىلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ، چۈنكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇشۇ كىتابقا مۇشتەرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەر قېتىم كىتاب – ژۇرنال كەلگەندە ئۆزىدە بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولىدۇ. شۇ كىتابنى، ژۇرنالنى ئوقۇش ئارقىلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئىجابىي كەيپىيات پەرزەنتىمىزنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان كىتاب – ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇشى بىلەن بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مىجەز – خاراكتېر جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە، ساغلام بولغان يېڭىچە كۆز قاراشنى بايقىغاندا، دەرھال ماسلىشىپ قوللىشىمىز، رىغبەتلەندۈرۈشىمىز؛ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىل ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە، پىشىپ يېتىلىشىگە، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەجرىبە توپلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

چۈنكى قىزىقىشى ئارقىلىق تەربىيەلىنىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، قوللاش ئۇنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەنبەسىدۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:43:23

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ