ئانا سەھىپەئالامەتلەرپۇت، پاچاق، تىزپۇت ئاغرىسا يۈرەكنىڭ مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن

پۇت ئاغرىسا يۈرەكنىڭ مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پۇت ئاغرىش، يەنى پېيى تارتىشقاندەك بولۇپ ئاغرىش، ھەتتا كاسىسىغىچە تارتىشقاندەك بولۇپ ئاغرىش — بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا، كۆپ قىسىم كىشىلەر بولسا، پېيىم تارتىشىپ قالدى، دەپ ئويلايدۇ، ياكى بەل ئومۇرتقىسىنىڭ چىقىۋېلىشى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسىنى بېسىۋېلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئويلايدۇ. بىراق بەزى چاغلاردا، بۇنداق پۇت ئاغرىش بولسا، يۈرەك كېسىلىنىڭ تېرىغان بالاسىدۇر.

ئىككى يىل ئىلگىرى، سۈي خېنىم قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋېتىپ، بىر سۇ تۇڭىنى يۈتكىگەندە، ئۇنىڭ سول پۇتىنىڭ ئاستىدىن باشلانغان ۋە تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل ئاغرىق بەدىنىنىڭ ئۈستىگە قاراپ مېڭىپ، ئۇ ئاغرىق بەلگىچە كىرىپ كەتكەن، شۇ چاغدا ھەتتا يىقىلىپ كەتكىلىمۇ تاسلا قالغان. ئۆيگە قايتىپ بېرىپ بىرنەچچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن، گەرچە سول پۇتىنىڭ ئاغرىقى بەزىدە بىرئاز پەسەيگەندەك قىلسىمۇ، بەزىدە يەنىلا ناچارلىشىپ كەتكەچكە، سۈي خېنىم ئاخىر ماسساژ قىلدۇرۇش، قۇرۇق يىڭنە سانجىغۇزۇش، لوڭقا قويغۇزۇش، پۇتۇنى چىلاش ۋە ئەمەن بىلەن داغلاش دېگەندەك ئۆز كاللىسىغا كەلگەن ۋە ئويلاپ كۆرگەن ھەر خىل ئاماللارنىڭ ھەممىسىنى سىناپ كۆرۈشكە ۋە ھەر خىل داۋالىتىشلارغا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن، بارمىغان جۇڭيى دوختۇرخانىلىرىمۇ ئاساسەن قالمىغان. لېكىن، ئۇنىڭ ئۇ پۇت ئاغرىقى يەنىلا ئوڭشالمىغان. ئەمما، سۈي خېنىم مەلۇم بىر كۈنى تاساددىبىي بىر پۇرسەت بىلەن يۈرەك CT سىغا چۈشۈپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇرىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقى بايقالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاندىن ئۇ مېنى ئىزدەيدىغان بولدى. قان تومۇرنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەن شۇنى بايقىدىمكى، سۈي خېنىمنىڭ يۈرىكى ئىچىدە بەدەننى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر تال چوڭ قان تومۇرى %99 توسۇلۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ توسۇلۇپ قالغان جايىغا بىر تال تىرەك قويۇلدى. ئاپراتسىيەدىن كېيىن، سۈي خېنىمنىڭ پۇتى ئاغرىمايدىغان بولدى.

مېدىتسىنا نەزەرىيەسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇت ئاغرىش بىلەن قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئارىسىدا سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ھەققىدە، ھازىرچە تېخى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى يوق، ئەمما، قان تومۇر ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى 3 كۈن ئىچىدە پۇت ئاغرىشنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەنتىقىلىق مۇناسىۋەتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەن مۇنداق تەكلىپ بېرەي: ئەگەر بەدىنىڭىزدە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئاغرىق پەيدا بولسا، مەسىلەن، پۇت ئاغرىش، دۈمبە ئاغرىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنى يۈرەك مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ-قانداق، دەپ ئويلىشىپ كۆرىشىڭىز كېرەك، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئېلېكتىر كاردىۇگىرامما تەكشۈرتۈشىنى قىلدۇرۇڭ ياكىCTغا چۈشۈپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

كوئىنلون تورى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 08:35:55

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ