پۇت-قول ئۇيۇشسا سەل قارىماڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پۇت-قول ئۇيۇشۇش نۇرغۇن ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بەزىلەر بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بەرمەي، يەرلىك ئاماللار بىلەن ئۇيۇشۇشنى داۋالىماقچى بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ قول-پۇتى ئۇيۇشۇشى خەتەر سىگنالى بولۇپ، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا يەتتە خىل سەۋەبتىن بولىدىكەن.

1. يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىش. ئۇخلىغاندا قىياپەت توغرا بولمىسا يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىپ قېلىپ قول-پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

2. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى. بەزى دورىلار ئەكس تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن قول-پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

3. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك.  مەسىلەن، ئاقسىل، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى زەخمىگە ئۇچراپ، پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

4. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى.

5. دىيابېت كېسىلى نېرۋا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى.

6. مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش. بۇ چاغدا بىر تەرەپتىكى پۇت-قول ئۇيۇشۇش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆزى غۇۋالىشىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

7. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى. كىلىنكىدا كۆرسىتىلىشىچە، قول-پۇتى ئۇيۇشقانلار ئىچىدە %1ى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى سەۋەبىدىن بولىدىكەن.

كوئىنلون تورى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-02-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-02-06 / 11:01:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ