ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئۆسمە ۋە راكلارقاچان راك كىسىلىدىن شۈبھىلىنىمىز؟

قاچان راك كىسىلىدىن شۈبھىلىنىمىز؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

راك ھازىر دۇنيادا تېخى تەلتۆكۈس ھەل بولمىغان كىسەللىكلەرنىڭ بىرسىدۇر. ئۆسمىنى بىلىمىز. ئادەتتە ئۆسمە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرسى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە، يەنە بىرسى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى راك دەپ ئاتايمىز.

ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بىلەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمە
ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بىلەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمە

ئۆسمە، راكلار بەدەننىڭ مۇقىم بىر يېرىدە بولمايدۇ. قەيەردە بولسا شۇ ئورگاننىڭ نامىدىكى ئۆسمە ياكى راك دەپ نام بېرىلىدۇ. مەسىلەن بويۇن ئۆسمىسى، ئاشقازان ئۈچەي راكى، ئۆپكە راكى، جىگەر ئۆسمىسى، قان راكى دىگەندەك.

بۈگۈنكى ئاساسلىق تىمىمىز راكنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى قايسى ۋاقىتتا ئۆسمە ياكى راكتىن شۈبھىلىنىمىز؟

ئۆسمە ياكى راك ئىككىلىسى ھەممە ياشتا كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ پەقەت ياشانغانلاردىلا بولىدۇ دىيەلمەيمىز. ئەمما كۆپىنچە ئۆسمە ۋە راكلار 40 ياشتىن كىيىن ئاستا ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا 40 ياشتىن كېيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. تۆۋەندىكى ئالامەتلەر ياكى ئەھۋاللار بولسا چوقۇم دىققەت  قىلىپ تۇرۇڭ.

  1. 1-2 ئاي ئىچىدە تېزلا ئورۇقلاپ كەتسە، دىققەت قىلىش كېرەك.
  2. ئۇزۇن زاماندىن بېرى بولغان ھالسىزلىق ھارغىنلىق. شۇنچە ياخشى ئارام ئالغان تەغدىردىمۇ ھالسىزلىق تۈگىمىسە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.
  3. بەدەننىڭ بەزى يەرلىرىدە مۇنەك پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يوقاپ كەتمىسە ۋەياكى يوغىناپ كەتسە دىققەت قىلىش كېرەك.
  4. بويۇن، قولتۇقتىكى بەزلەر ئىششىپ يوغىناپ كەتسە، 2-3 ھەپتىگىچە يوقاپ كەتمىسە، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
  5. قوساق قىسىمدا بىر خىل ئاغرىق بولسا، دورا ئىچىپ باقسىڭىزمۇ ئاغرىق توختىمىسا، بولۇپمۇ كېچىلىرى ئاغرىسا ۋە ئۇخلىيالماي قالسا بۇنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
  6. كىچىك تەرەتتە، چوڭ تەرەتتە قان كۆرسىڭىز، ياكى يۆتەلگەندە، بەلغەمدە، تۈكۈرۈكتە، ماڭقىدا ئارقا ئارقىدىن قان كۆرسىڭىز دوختۇرخانىغا بېرىپ بېقىش كېرەك.
  7. ئائىلىدە ئۆسمە راك بولۇپ باققانلار بولسا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىرسى ئامىللار بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇرۇنقىلارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ياخشى بىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ جەھەتتىن دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.

يۇقارقىدا دەپ ئۆتكەن بۇ ئەھۋاللار بولسا چوقۇم ئۆسمە راك بار دىگەنلىك ئەمەس. ئادەتتىكى كېسەللىكلەردىمۇ بۇ ئالامەتلەر بولۇش مۇمكىن. راك ۋە ئۆسمىدە بۇنىڭدىن سىرت شۇ تەسىر قىلغان ئورگان بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئالامەتلەرمۇ بولىدۇ. راك ۋە ئۆسمە دىئاگوزى قويۇش ئۈچۈن قان، كىچىك تەرەت، چوڭ تەرەت تەكشۈرۈش، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش، سى تى، ئەم ئار، ئۆسمىدىن پارچە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر مۇنچە تەپسىلى تەكشۈرۈشلەر لازىم. بىز يۇقارقى مەزمونلارنى پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىدۇق.

ئۆزىڭىزدە، ۋە ئائىلىدىكىلىرىڭىزدە  يۇقارقى ئالامەتلەر ئەھۋاللار بولسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇماڭ. بولمىغان تەغدىردىمۇ، 6 ئايدا ياكى يىلدا بىر ساغلىق پونكىتىدا ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ.

كونىلارنىڭ بىر گىپى بار. كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا.

بۇ مەزمونلار پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى.

لېكىن بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ تەكشۈرۈش داۋالىنىشنى تەكىتلەيمىز!

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:25:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ