دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

قان ئوكسىگىن تويۇنۇشچانلىقى SpO2 دىگەن نىمە؟

قان ئوكسىگىن تويۇنۇشچانلىقى

blood oxygen saturation

血氧饱和度

Kan Oksijen Doygunluğu

SpO2 بىلەنمۇ ئىپادىلەيدۇ.

نورمالدا بارماقتىن ئۆلچەيدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى قاندىكى ئوكسىگىننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. بۇ ئارقىلىق ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئەھۋالىنى، قاندا يىتەرلىك ئوكسىگىن بار يوقلۇقىنى ئۆلچەپ تۇرىدۇ.

  • نورمال كىشىلەرنىڭ 97-100 پىرسەنت كىچە بولىدۇ. بارماقتىن ئۆلچەيدۇ. بارماقتىكى ئارتېرىيە قان تومۇرنىڭ سوقۇشىنى ھىس قىلىش ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ.
  • ئۆپكىدە مەسىلە بولسا، يەنى نەپەسلىنىشتە مەسىلە بولسا بۇ قىممەت تۆۋەنلەيدۇ.
  • بۇ ۋىرۇسلۇق كېسەللىكتە مۇشۇ مۇھىم تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.
  • كانايچە ياللۇغى كىشىلەردە بەك چۈشۈپ كەتمەيدۇ. 95-100 ئەتراپىدا بولىدۇ.

زىققە، ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى، ئوتتۇرا ئېغىر ئۆپكە توسۇلۇشچانلىق ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ئۆپكىدە سۇ تولۇپ قېلىش، ئۆپكە تىشىلىپ كېتىش، ئۆپكە تۇبىركۇليۇز…. ئىشقىلىپ نەپەسلىنىشتە قىيلىنىش پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەردە بۇ قىممەت چۈشۈپ كېتىدۇ. 93 نىڭ ئاستىدا بولسا، ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. 80-85نىڭ ئاستىدا بولسا ئادەم ناھايىتى قىيلىنىپ كېتىدۇ. 80 ئاستىدا بولۇپ كەتسە ئادەم ئۆلۈپ قېلىش خەۋپى بولىدۇ.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-08

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-01-08 / 11:24:44

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

  1. بۇ تور بەتنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتتىم، سەھىيە بىلىملىرى ئوقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر دوختۇرلىرىمىزدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ‌‌ . نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلمەي قىينالغان ئىدىم ، ھەم نۇرغۇن ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى بار ئىكەن . ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن . ئامىن

    • قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. داۋاملىق ئازدۇر كۆپتۇر مەزمونلارنى قوشۇپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشكە تىرىشىمىز. ھەم سىزگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قوللىشى، مەدەت بېرىشى، ھەمدەمدە بولۇشىغا مۇھتاجمىز. سالامەت بولۇڭ.

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,686FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر