ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىققان قەنتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى

قان قەنتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ئىچىپ بېرىش ، 250گرام ياغسىز سۈزمە يەپ بېرىش : سۈتتە ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردىكى بەزى ماددىلار ئۈنۈملۈك ھالدا يېمەكلىك قەنتلەرنىڭ قان قەنتىگە ئايلىنىشىنى ئازايتىدۇ.

كەچلىك تاماقتا پالەك يەپ بېرىش:پالەك تەركىبىدە ماگنىي ئىلمىنتى مول بولۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا دىئابىت كېسەللىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاز–ئازدىن كۆپ غىزالىنىش : بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق غىزانى بۆلۈپ ، بىر نەچچە قېتىم يېيىش شۇنداق قىلغاندا، بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا گلۇكۈزا قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۈنىڭ بىلەن بىرگە قەنتنىڭ جىددىي ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىنسۇلىننى كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ھەر كۈنى پىيادە يول مېڭىپ بېرىش: پىيادە مېڭىپ بېرىش ئارقىلىق دىئابىت كېسەللىكى بىلەن ئۆلۇپ كېتىش خەۋىپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش : ئادەمنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەندە،قان قەنتى جددىي * تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. لېكىن قورسىقى ئېچىپ ئۆتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن غىزالانسا،بەدىنى تۇيۇقسىز كۆپ مىقداردىكى گلۇكوزىنى قوبۇل قىلىپ،ئىنسۇلىن بېزى تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىننى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ،يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

بالدۇر يېتىپ،بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۇرۇش: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا،قان قەنتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ھەر كۈنى 100گرام سېرىق پۇرچاق يەپ بېرىش: بىر كۈندە 100 گرام سېرىق پۇرچاق يەپ بەرسە،قان قەنتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.

مۇۋاپىق ھالدا يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش:مەسلەن،كۈنجۇت،ئۆرۈك مېغىزى،كۆممىقوناق ئۇنى،لامىنارىيە،سۇلۇ يارمىسى،سۈپۈرگە قوناق مېغىزى،كەرەپشە، كۈدە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار،ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى تالانىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ،مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،غىزالىنىشتىن كېيىنكى قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:36:20

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ