ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىقانداق كىشىلەر ئەيدىز بىمارى ھېسابلىنىدۇ؟

قانداق كىشىلەر ئەيدىز بىمارى ھېسابلىنىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھازىر ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھەم ساۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بۇ خىل داۋالاشنى ئادەتتە بىمارغا تەرەققى قىلىشتىن ئىلگىرى باشلىسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئەيدىز بىمارىلىرىنى داۋالاشنىڭمۇ ئۈنۈمى يۇقىرى

1. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسا؛
2. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرنىڭ سانى( ھەر مىكرولېتىردا) 200دىن تۆۋەن بولسا ياكى 200دىن يۇقىرى 500دىن تۆۋەن بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەشمە كېسەللىكلەر، يۇقۇملىنىشلار ياكى ئۆسمە كۆرۈلسە

3. ياكى تۆۋەندىكى ئالامەتلەرنىڭ ئاز دىگەندە بىرسى كۆرۈلسە

ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى سەۋەبسىز تۆۋەنلەپ كەتسە؛

قانۇنىيەتسىز (تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا)قىزىش بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشسا،

بەدەندىكى لىمفا بەزلەر ئىششىسا( بويۇن، قولتۇقتىكى بەزلەر)

دائىم ئىچى سۈرسە( كۈندە 4-5 قېتىم) ۋە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا؛

3 ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى 10پىرسەنت ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتسە؛

باشقا تىپىك يۇقۇملىنىشلار كۆرۈلسە.
ساغلام ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى( ھەر مىكرولېتىردا)500دىن 1300 گىچە بولىدۇ. دىمەك مۇشۇ دائىرىدە بولسا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تېخى پۈتۈنلەي نورمال دىگەن گەپ.

ھازىر ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھەم ساۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش. بۇ خىل داۋالاشنى ئادەتتە بىمارغا تەرەققى قىلىشتىن ئىلگىرى باشلىسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئەيدىز بىمارىلىرىنى داۋالاشنىڭمۇ ئۈنۈمى يۇقىرى. بۇ داۋالاش ئارقىلىق پەقەت يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قوغداپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەمما ۋىرۇسنى بەدەن سىرتىغا تەلتۈكۈس چىقىرىۋېتەلمەيدۇ.

ھازىر مەيلى خەلقئارادا بولسۇن ياكى مەملىكىتىمىزدا بولسۇن، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلاشنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:1)يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلۈپ دىئاگىنوز قويۇلغان بولسا، 2)ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 300 ياكى 350تىن تۆۋەن بولسا ياكى卡式囊虫性肺炎(بىر خىل ئۆپكە ياللۇغى(, 卡波氏肉瘤 (بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە )قاتارلىق تىپىك پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلار كۆرۈلسە، ئاندىن داۋالاشنى باشلاشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:47:04

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ