ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزقانداق ۋاقىتتا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟

قانداق ۋاقىتتا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

نورمالدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆزىنىڭ نامىغا ئوخشاش، ئەسلىدە بەدەندە جىددىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ھايات ماماتقا تەسىر يەتكەندە، ياكى بولمىسا بەزى بەدەندىكى ئالامەتلەرشۇ كىشىنى ھەقىقەتەن بەكلا قىينىغاندا بېرىش لازىم.

ئەمىسە، قايسى ئەھۋاللار جىددىي ئەھۋالغا ھىساب بولىدۇ؟ قايسى ئەھۋاللاردا جىددىي قۇتقۇزۇشقا بارساق بولىدۇ؟

  1. كۆكرەك قىسىمدا ئاغرىق بولغانلار، بولۇپمۇ كۆكرەككە تاش بېسىۋالغاندەك ئاغرىق ھىس قىلغانلار، ھەم بۇ ئاغرىق بىلەن بىللە سول مۈرىڭىزدە ئاغرىق بىلەن ئۇيۇشما بولسا. بۇ يۈرەك قان تومۇرىدا توسۇلۇش بولغان بولۇشى مۇمكىن. دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا بارمىسا يۈرەك توختاپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
  1. تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كەتكەنلەر، گەپ قىلالمىغانلار، ياكى تۇيۇقسىز كىكەچلەپ قالغانلار، بىر تەرەپتىكى قول ياكى پۇت تۇيۇقسىز كۈچسىز بولۇپ بىر نەرسە تۇتالمىغان ياكى تۇيۇقسىز ئاقساپ ماڭىدىغان ئەھۋاللار. بۇ بەلكىم مېڭىگە قان چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ۋاقتىدا كۆرۈنۈپ ئالدىنى ئالمىسا ئېغىر پالەچ بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
  1. نەپىسى قىسىلىپ، نەپەس ئالالمىغانلار. بۇ خىل ئالامەتلەر كۆپىنچە زىققە كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، ئۆپكىدە باشقا كېسەللىكى بولغان كىشىلەردە ھەم بۇنىڭدىن سىرت پىسخىكىسىدا مەسىلە بولغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ تۈردىكى بىمارلارنىڭ يېنىدا نەپەس قىسىلىشىغا پايدا قىلىدىغان دورىلىرى بولمىسا، ياكى كار قىلمىغان بولسا، نەپىسى بەك قىسىلىپ كەتسە، جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىپ بىقىش لازىم .
  1. مەلۇم دورا ياكى يىمەكتىن كىيىن بەدەندە زىيادە سىزىمچانلىق رىئاكسىيەسى كۆرۈلسە بولۇپمۇ، گەلدە، كۆزئەتراپىدا، بەدەندە قىزىرىش، ئىششىش، قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە چوقۇم جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىڭ.
  1. كۆپ مىقتاردا قىزىل قان قۇسسىڭىز، ياكى چوڭ تەرەتتە جىق مىقتاردا قىزىل قان ، ياكى قاپقارا قۇيۇق چاپلاشقاق چوڭ تەرەت كۆرسىڭىز، ۋەياكى كىچىك تەرەتتە كۆپ مىقتاردا قىپقىزىل قان كۆرسىڭىز، جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىپ بىقىڭ.
  1. سۆڭەك سۇنۇش، بەدەننىڭ بىر يېرى كېسىلىپ كىتىش ئەھۋاللىرىدا جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىڭ.
  1. ئۆيدە قان بېسىمى ياكى قاندىكى قەنت مىقتارى زىيادە يۇقىرى چىقىپ كەتكەندە ياكى زىيادە تۆۋەن چۈشۈكپ كەتكەندە. ئەگەر ئۆيدىكى دورا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن نورماللاشتۇرالمىسڭىز، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىڭ.
  1. مەلۇم كېسەللىك سەۋەبىدىن بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39 38.5 دىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۆيدە تەبىئىي ئۇسۇللار بىلەن ياكى دورىلار بىلەن 39 دىن چۈشۈرەلمىسىڭىز جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىڭ.
  1. بەدەندە ھەرقانداق بىر قىسىمدا قاتتىق ئاغرىق بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقايمىغانلار. مەسىلەن قوساقتىكى ئاغرىق، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، جىددي ئۆت تاش ياللۇغى، بۆرەك تېشى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.
  1. 2-3 كۈننىڭ ياقى چوڭ تەرەت بىلەن بىرگە يەلنىمۇ چىقىرالمىسىڭىز، بۇ ئۈچەي يوللىرى توسۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
  1. كىچىك تەرەت قىلغىسى بار، ئەمما قىلالمىغانلار. تاشاق قىسمى نەچچە سائەت ئىچىدە تۇيۇقسىز ئاغرىش ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر چوقۇم جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىش لازىم.
  1. ھامىلە ئاياللاردا ئەگەر قان چىقىپ كىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە چوقۇم جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىش لازىم.
  1. تۇيۇقسىز كۆزى كۆرمەي قالغانلار، قۇلاقتىن قان چىقىش بىلەن بىرگە ئاڭلاش سىزىمى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلەر.
  1. بەدىنىڭىزدە بەزى ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكىڭىز بولسا )مەسىلەن راك، ئۆسمە، بۆرەك زەئىپلىشىش ( ياكى ئۇزۇن زاماندىن بېرى مۇھىم دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز (مەسىلەن قان سۇيۇقلاندۇرغۇچى دورا ئىشلەتكەنلەر)، ئۆزىڭىزنىڭ دوختۇرى قانداق ئەھۋالدا جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىشنى تاپىلىغان بولسا، شۇ ۋاقىتتا بېرىڭ.

يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن جىددىي ئالامەتلەر بەدەندە كۆرۈلگەندە ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى كاردىن چىقىرىشى مۇمكىن ھەتتا ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بەدەندە بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، كېچىكتۈرمەي جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:25:47

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ