ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇققارا شېكەرنىڭ شىپالىق رولى

قارا شېكەرنىڭ شىپالىق رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قارا شېكەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان رىبوفلاۋىن ، كاروتىن ، ۋىتامىن ، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە كالىتسىي ، سېنىك ، تۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇن مېكرو ئېلمېنىتلار بار

قارا شېكەرنىڭ شىپالىق رولى

قارا شىكەر تەركىبىدىكى كالتسىي ، تۆمۈر ماددىلىرى ئاق شېكەرنىڭكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ ، كالىي ، ماگنىي ، سىنىك ، ناترىي ، سېلىن قاتارلىق ماددىلارمۇ ئىنتايىن مول . بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار ھامىلدار ئاياللار ، تۇغۇتلۇق ئاياللار ، بالىلارغا ئالاھىدە پايدىلىق . تېنى ئاجىز ، ھەيىز مەزگىلىدە ئاسان توڭلايدىغان ، توق قىزىل رەڭدە قان ئارىلاش خۇن كېلىدىغانلار قارا شېكەرنى چىلان بىلەن بىرگە قاينىتىپ ئىچسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
قارا شېكەرنىڭ شىپالىق رولى

تېنى ئاجىز ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئىچىپ بەرسە ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپىيىپ ، قان تولۇقلاپ روھنى ئۇرغۇتىدۇ ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ . تۇغۇتلۇق ئاياللار قارا شېكەرنى كۆپ ئىچىپ بەرسە بالياتقۇنىڭ تارىيىشىغا ، بالىياتقۇدىكى قالدۇقلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا ، تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق .

بالىلار قارا شېكەرنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە ئىشتىھاسىنى ئېچىپ ، زۆرۇر بولغان كالىتسىي ، سېنىك ، تۆمۈر ھەمدە رىبوفلاۋىن قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ . قارا شېكەر تەركىبىدە گەرچە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدە ئارلاشما ماددىلار كۆپ بولغاچقا ، بىۋاستە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ ، شۇڭا ئۇنى قاينىتىپ ئىچىش كېرەك .

ئادەتتە ئائىللەردە شوۋىگۈرۈچ پىشۇرغاندا ئازىراق قارا شېكەر ئارلاشتۇرۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-19 / 04:23:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ