ئانا سەھىپەتۇرمۇشئائىلە ۋە تۇرمۇشقېنىپ ئۇخلاش ئۇزاق ئۇخلاشتىن مۇھىم

قېنىپ ئۇخلاش ئۇزاق ئۇخلاشتىن مۇھىم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قېنىپ ئۇخلاش ئۇزاق ئۇخلاشتىن مۇھىمئامېرىكا چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ياشانغانلاردىكى ئۇيقۇسىزلىق كۆپىنچە ھاللاردا ئارام ئېلىش سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى بىلەن باشقا ساغلاملىق سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن ئەمەسلىكىنى بايقىغان

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلايدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە: %50 كە يېقىن ياشانغان كىشىدە ئۇيقۇسىراش كېسەللىك ئالامىتى بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن يۈرەك كېسىلى، يىقىلىش، تونۇش ئىقتىدارى ۋە پائالىيەت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئارىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار 727 ياشانغان كىشىنىڭ ئۇيقۇ ئەندىزىسى، ئۇخلاش جەريانىدىكى ھەرىكىتى ۋە كەچۈرمىشى بىلەن تەسىراتىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە، كۆپ ساندىكى ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقى ئىسپاتلانغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا بالدۇر ئويغىنىپ كەتتۇق ياكى يېتەرلىك ئارام ئالالمىدۇق دەپ ئاغرىنغان. تەتقىقاتچىلار ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى سۇبيېكتىپلىق ئاغرىنىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، بۇنى بەلكىم تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى باشقىچە ساغلاملىق مەسىلىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ياشانغانلار بەدىنىدە كۆرۈلگەن نورمالسىزلىقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىغان.

پولات ئامانيار (ت) مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:35:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ