ياشانغانلارنىڭ قان تومۇرى قېتىشىپ ، تېرىسىدە قېرىلىق دېغى پەيدا بولىدۇ
بۇ داغلار ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، چوڭىيىپ ، كېڭىيىپ بارىدۇ . بۇنداق تېرە ئاستى قان ئويۇلمىسى سەكتە كېسىلىنىڭ بېشارىتىدۇر .
قېرىلىق دېغىنى تۈگىتىشنىڭ مۇنداق ئوبدان ئۇسۇللىرى بار :
1 . پىدىگەننى كۆپرەك يەپ بەرسە ، قېرىلىق دېغىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدۇ . پىدىگەننىڭ تەمى تاتلىق ، تەبىئىي سوغۇق بولۇپ ، تەركىبىدە ۋىتامىنA,B,C,D لار مول . ئاقسىل ۋە كالىتسىي ماددىلىرى قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ . ئۇ يەنە قان ئويۇلمىسىنى تارىتىپ ، مېڭىدە قان نوكچىسى ھاسىل بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ .
2 . زەنجىۋىل (ئاق چەشكە) تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ قېرىلىق دېغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلنى تۈگىتىش رولى بار ئىكەن . زەنجىۋىل سۈيىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ، قېرىلىق دېغىنى بارا – بارا تۈگىتىدىكەن . ئۇنى ئىچىش ئۇسۇلى مۇنداق : ياپىلاق توغرالغان يېڭى زەنجىۋىلدىن ئىستاكانغا ئازراق سېلىپ ، 300 ~ 200 مىللىلىتىر قايناق سۇغا 10 ~ 5 مىنۇت چىلاپ ، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ .