ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار كېسەللىكلىرىقېرىلىق كېسىلى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

قېرىلىق كېسىلى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قېرىلىق كېسىلى ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقان قېرى ئادەملەرنىڭ , يەنى قېرىلىق دەۋرىدە بولغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ

قېرىلىق كېسىلى 老年病

1.قېرىلىق كېسىلىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى
قېرىلىق كېسىلى ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقان قېرى ئادەملەرنىڭ , يەنى قېرىلىق دەۋرىدە بولغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ قېرىلارغا خاس بولغان كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . قېرىلىق ئادەم ھاياتىدىكى ئالاھىدە بىر مەزگىل , قېرىلىق دەۋرىدە مۇپتىلا بولغان كېسەللىكلەر ياشلىق دەۋرىگە ئوخشىمايدۇ , كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى , راۋاجلىنىشى ھەم ساقىيىشى ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدە بولغان رىتىمچانلىقى ھەم ئالاھىدىلىكى بار , شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرخىل كېسەللىك ئوخشىمىغان ئوتتۇرا ھەم قېرى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار .

2. قېرىلىق كېسىلىنىڭ تۈرلىرى

ئادەتتە قېرى ئادەملەرنىڭ كېسىلىنى كېسەل پەيدا بولۇش ۋاقتىغا ئاساسلىنىپ ئۈچ تۈرگە ئايرىيمىز : 1 تۈر كۆپىنچە قېرىلىق مەزگىلىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ,مەسىلەن قېرىلىق دۆتلىك كېسىلى , قېرىلىق مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش , قېرىلىق كاتاراكتىسى قاتارلىقلار . 2تۈر ياشلىق دەۋرىدىلا كۆرۈلىدىغان بەزى كېسەللىكلەر قېرىغاندا كۆرۈلۈش نىسپىتى يۇقىرىلاش , مەسىلەن , يۇقىرى قان بېسىم , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىش خاراكتىرلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار , 3تۈر قېرىلىق ھەم ياشلىقتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر , مەسىلەن زۇكام , ئۆپكە ياللۇغى , ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلار .

3.قېرىلىق كېسىلىنىڭ ئاساسلىق كېسەل سەۋەبلىرى
قېرىلىق كېسەللىكلىرى يېشى ,جىنسى , خىزمىتى , شەھەر رايونلىرىنى ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا , شۇڭلاشقا رايونلارنغا تارقىلىش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ پەرق بار . كۆپىنچە قېرىلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسپىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ . ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا , ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھتىد بولۇۋاتقان ئاساسلىق10خىل ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە : يۇقىرى قان بېسىمى , تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , ئۆسمە , كاتاراكتا , ئاستاخاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , مەزى بېزى ياللۇغى , رىماتىزىم , مېڭە ئاپوپلېكسىيە , تۇبىركۇليۇز , بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ھەم يارا دىن ئىبارەت . بۇنىڭ ئارىسىدا يۇقىرى قان بېسىمى , قان تومۇر كېسىلى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەردۇر , شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرى قان بېسىمى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئېدىراك قىلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

20ئەسىرنىڭ 90يىللىرىنڭ ئوتتۇرلىرىدا , مەلۇم دوختۇرخانىدىكى 323نەپەر 55ياش ئەتراپىدىكى پىنسىيىگە چىققان ياشانغانلارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان . نەتىجىدە : ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى قان بېسىمى , تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , يارا , مېڭە قان نوكچىسى , سۆڭەك شالاڭلىشىشتىن كېلىپ چىققان يوتا سۆڭىكى بويۇن سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىقلار . بۇنىڭدىن سىرت , ياشانغانلاردا ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبلىرى يۈرەك مىڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ,نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ھەم يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دىن ئىبارەت . قېرىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان 10خىل كېسەللىكنىڭ رەت تەرتىپى : تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , مېڭە قان تومۇر كېسىلى , يۇقىرى قان بېسىمى , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , قان ئازلىق , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە , ئائورتا قېتىش , ئۆپكە يەل ئىششىقى , ئۆپكە تۇبىركۇليۇز , دىئابىت (قەنىت سىيىش )كېسىلى . بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن دىئابىت كېسىلىنىڭ كۆپىيىش ئېھتىمالى يۇقىرى .

“1996يىلى دۆلىتىمىز سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستاتىسكىسى “ئىچىدىكى “ئاھالىلەر كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش سەۋەبى”دىكى شەھەرلەردىكى ئالدىنقى 10خىل كېسەل :مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە , يۈرەك كېسىلى , نەپەسلىنىش تۈرىدىكى كېسەللىك , زەخىملىنىش ھەم زەھەرلىنىش , ھەزىم قىلىش تۈرىدىكى كېسەللىك , ئىچكى ئاجراتما ئوزۇقلۇق مىتابولىزىم ھەم ئىممونىت جەھەتتىكى كېسەللىك , سۈيدۈك سىستىمىس كۆپىيىش سىستىمىس تۈرىدىكى كېسەللىك , روھىي كېسەللىك , ساراڭلىق كېسىلى . يېزا ناھىيەلەردىكى ئالدىنقى 10خىل كېسەللىك : نەپەسلىنىش سىسيىمىسى تۈرىدىكى كېسەللىك , مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك كېسەللىك , زەخىملىنىش ھەم زەھەرلىنىش , يۈرەك كېسىلى , ھەزىم قىلىش سىستىمىسى تۈرىدىكى كېسەللىك , يېڭى تۇغۇلغانلار ئالاقىدار كېسەللىك , سۈيدۈك يولى كۆپىيىش سىستىمىس ئالاقىدار كېسەللىك , يۇقۇملۇق كېسەللىك(ئۆپكە تۇبىركۇليۇز بۇنىڭدىن سىرتتىدا ) , ئۆپكە تۇبىركۇليۇز . بۇ 10خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى پۈتۈن ئۆلگەنلەرسانىنىڭ 91%دىن يۇقىرىراقنى ئېگەللەيدۇ . ئارىسىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بالىلار كېسەللىكىدىن باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئاساسلىقى ياشانغانلاردۇر.

ھەرقايسى رايونلارنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەكشۈرۈش ئاساسلانغاندا , ياشانغانلار دا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ , لېكىن ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھتىد قىلىدىغان كېسەللىك ئاساسلىقى يۇقىرى قان بېسىمى , ئۇنىڭدىن قالسىلا تاجىسىمان ئارتىرىيە يۈرەك كېسىلى , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , ئۆپكە يەل ئىششىقى , مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ھەم دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار . ياشانغانلاردا قوزغىلىش نىسپىتى ھەم ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەللىكلەر ئاساسلىقى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ,مرڭە قان تومۇر كرسەللىكى , نەپەسلىنىش يولىدىكى كېسەللىكلەردۇر .

نۇردوختۇر(ت)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:38:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ